ئۆي تازىلاشتىكى 10 ئەپچىل ئۇسۇل

بارلىق كىشىلەر تۇرۇۋاتقان مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىنى خالايدۇ. ئۆي مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن تازىلاش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق، بولۇپمۇ قول يەتمەيدىغان، كۆزگە ئاسان چېلىقمايدىغان بۇلۇڭ – پۇچقاقلارنى تازىلاش تولىمۇ زېرىكىشلىك. ئەمەلىيەتتە ئەپچىل چارىلەرنى بىلىۋالغاندا بۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس.

 

1. دۆشە



1) ئالدى بىلەن قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن دۆشىنى پاكىزلىۋالىمىز، ئاندىن دۆشىگە بىر قوشۇق تۇز سېپىپ، قاچا يۇيىدىغان بۇلۇتنى سۇغا چىلاپ سىقىپ دۆشىگە سۇ تېمىتىمىز، ئارقىدىن 30 سېكۇنت ئەتراپىدا قايتا – قايتا سۈرتۈپ، پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋەتسەك بولىدۇ.

2) ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن سۇنى 1: 2 نىسبەتتە تەڭشەپ سۇ سەپكۈچكە قۇيۇپ، دۆشىگە تەكشى سېپىمىز. دۈشىنى يۇيۇۋەتمەي تۇرۇپ ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە قويۇپ تەبىئىي قۇرۇتىمىز. بۇنداق قىلغاندا ھەم دۆشىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى، ھەم مىكروبنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.


قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پاكىزلاش رولى: ناترىي گىدروگسىد بىلەن سۇلفونىك كىسلاتا رىياكسىيەلەشكەندە ناترىي سولفىد ھاسىل بولىدۇ. ناترىي سولفىد سۇيۇقلۇقى ماي بىلەن ئۇچراشقاندا رىيەكسىيەلىشىش يۈز بېرىپ، ماينى تازىلاش مەقسىتىگە ئاسانلا يەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەزى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەركىبى بولغاچقا، دۆشىدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
تۇزنىڭ رولى: دۆشىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.

 


2. كوكاكولا بىلەن تەرەت تۇڭىنى تازىلاش

تەرەت تۇڭىدا ئاساسلىق تېرموناترىت ۋە سۈيدۈك دېغى بولىدۇ. تەركىبىدە كىسلاتا بولغان ھەرقانداق ماددا ئارقىلىق تېرموناترىت، سۈيدۈك داغلىرىنى چىقارغىلى بولىدۇ. كولانىڭ ئاساسىي تەركىبىمۇ كاربونات كىسلاتادىن ئىبارەت. كاربونات كىسلاتا تەرەت تۇڭىدىكى تېرموناترىت بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزئارا رىياكسىيەلىشىش يۈز بېرىپ، تەرەت تۇڭى دىۋارىغا چاپلىشىۋالغان داغنىڭ ئاجرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئارقىدىن پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋەتكەندە تۇڭ دىۋارىدىكى داغلار ناھايىتى ئاسان ئاجرايدۇ – دە، تەرەت تۇڭىنى تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 


3. لېمون بىلەن سۇ دېغىنى تازىلاش

لېمون كىسلاتالىققا ئىگە، ئۇ ئىشقارلىق داغلار بىلەن ئۇچراشقاندا كىسلاتا – ئىشقارلىق نىيېتراللىشىش رېياكسىيەسى يۈز بېرىپ، داغنىڭ ئەسلىي ھالىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ – دە، پاكىزلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 


4. قۇرۇق قەغەز بىلەن ئەينەكتىكى داغلارنى چىقارغىلى بولىدۇ

ئەگەر ئۆيىڭىزدە كونا گېزىت بولسا، ئاۋۋال ھۆل لاتا بىلەن ئەينەكنى بىر قېتىم سۈرتۈۋېلىپ، ئارقىدىن كونا گېزىت بىلەن سۈرتۈڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئەينەك ناھايىتى پاكىزلىنىپ ھېچقانداق داغ قالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، قۇرۇق قەغەزنىڭ داغ چىقىرىش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.

 


5. كۈچلۈك تىرەك بىلەن ئىشكاپنى رەتلىك تۇتقىلى بولىدۇ

كۈچلۈك تىرەك ئارقىلىق ئىشكاپنىڭ پايدىلىنىش بوشلۇقىنى چوڭايتقىلى، نەرسىلەرنى رەتلىك تىزىپ قويغىلى بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ناھايىتى قولايلىق ۋە ئەپلىك بولىدۇ.

 


6. تۇز بىلەن چۆيۈن قازاننى ئاسان تازىلىغىلى بولىدۇ

تۇز كۈچلۈك داغ ئېرىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.


1) قازاننى سۇغا چىلايمىز، قازان ئىچىگە بىرنەچچە قوشۇق تۇز سالىمىز.


2) چوتكا بىلەن قازاننىڭ دىۋارى، گىرۋىكى، ئاستى ۋە تۇۋىقىنى كۈچەپ سۈرتىمىز.


3) قازاننى پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن قايتا – قايتا چايقاپ ۋە قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتۈپ، قۇرغاق يەرگە قويۇپ قويىمىز.

 


7. دېرىزە ئەينىكى چوتكىسى بىلەن گىلەمنىڭ تۈكىنى تازىلىغىلى بولىدۇ


دېرىزە ئەينىكى چوتكىسى تۈك تازىلاش رولىغا ئىگە، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ گىلەمگە چاپلىشىپ قالغان قىل، يۇڭلارنى پاكىز تازىلىغىلى بولىدۇ.

 


8. لۆڭگىنى سۈپۈرگىگە باغلاپ ئېگىز جايلارنى تازىلىغىلى بولىدۇ


لۆڭگىنى سۈپۈرگە ئۇچىغا باغلاپ ئېگىز جايلارنى تازىلىغىلى بولىدۇ. سۈپۈرگىنىڭ پاكىزلاش رولى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ بىلەن بۇلۇڭ – پۇچقاقنىمۇ ئالا قويماي تازىلىغىلى بولىدۇ.

 


9. كافىي سۈزۈش قەغىزى بىلەن دوخوپكا ئەينىكىنى تازىلىغىلى بولىدۇ


كافىي سۈزۈش قەغىزى ناھايىتى ياخشى پاكىزلاش رولىغا ئىگە، شۇڭا دوخوپكا ئەينىكىنى ئۇنىڭ بىلەن تازىلاش ئىنتايىن ئاقىلانىلىقتۇر.

 


10. كىيىم – كېچەكتە يىغىلىپ قالغان يۇڭلارنى تازىلاش


كۈز كىرىشى بىلەن پوپايكا، چاپانلارنى چىقىرىمىز. پوپايكا، چاپانلارنىڭ يۇڭى ئۆرلەپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بېرتىۋا بىلەن جاھىل يۇڭلارنى قىرىپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. يەنى بېرتىۋا بىلەن خۇددى ساقال قىرغاندەك كىيىمنى تەكشى قىرساق ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغان يۇڭ، قىللار چىقىپ كېتىپ كىيىم سىلىق بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئېلىكترونلۇق بېرتىۋا ئىشلەتكەندە كىيىم – كېچەكتىكى يۇڭلار كىچىكرەك بولۇشى كېرەك، بەك چوڭ بولۇپ كەتسە قىرماق قىيىن بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا كىچىكرەك يۇڭ كىيىملەرنى پىلاستېر لېنتا بىلەن تازىلىغاندا چاپلىشىپ قالغان قىل، يۇڭ، چاڭ - توزانلارنى ئاسان چىقارغىلى بولىدۇ. پىلاستېر لېنتا ئامال بار كەڭ، چاپلاشقاقلىقى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
19-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
23-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 50 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ئىككى جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى ياردەم كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياردەم بېرىش خىزمىت...
23-05-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاينۇرە خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يەسلىلەرگە 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  ...
21-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىل...
Powered by Leglek