ئۈرۈمچى BRT شوپۇرى 7200 يۈەننىڭ ئىگىسىنى ئىزدىمەكتە

25-يانۋار سائەت 16:10 ئۆتكەندە، شەھەر ئاھالىسى نيۇ يۈلەن ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى دېموكراتىيە يولى غەربىي ئۈچ كوچا يول ئېغىزىدىكى بىر قۇدۇق يېنىدا بىر دۆۋە قىزىل رەڭلىك پۇللارنىڭ چېچىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ 40 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىنمۇ ھېچكىمنىڭ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ پۇللارنى يىغىپ ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.


ــ پۇللار ناھايىتى يېڭى بولۇپ، يېڭىلا بانكىدىن ئېلىنغاندەك ئىدى،- دېدى ئۇ مۇخبىرغا شۇ كۈنكى ئىشلارنى ئەسلەپ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قىزى شىنشىڭ كوچىسىدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇ قىزىنى ئالغىلى كېتىۋېتىپ بۇ پۇللارنى تېپىۋالغان ۋە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن پۇل يوقىتىپ قويغان-قويمىغانلىقىنى سورىغان، شۇنداقلا 40 مىنۇتقا يېقىن پۇلنىڭ ئىگىسىنى ساقلاپ تۇرغان.


ــ مەن BRT1-لىنىيە ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى، ئاپتوبۇستا دائىم دېگۈدەك يولۇچىلار نەرسىلىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، بىزمۇ ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىگىسىنى تاپالايتتۇق، بىراق، بۇ قېتىم بۇ پۇلنىڭ ئىگىسىنى تېپىش تەسكە چۈشتى،-دېدى نيۇ يۈلەن.

 


شىنشىڭ يولى ساقچىخانىسىدىكى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغان ساقچى چيۇ يوڭ مۇخبىرغا:‹‹ئەينى چاغدا پۇلنى سانىسام 7200 يۈەن چىقتى، پۇللارنى ۋاقتىنچە ساقچىخانا ساقلاپ بېرىدۇ، پۇلنى يوقىتىپ قويغۇچى كېلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ، بىز پۇل تېپىۋېلىنغان يول ئېغىزىغا ئورنىتىلغان ئېلېكتىرونلۇق كۆز خاتىرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار بويىچە پۇلنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرىمىز›› دېدى.



خەتكۈچلەر:
27-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
       قىزىلتاغ تورى 11-ماي خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى 4-ئايلىق شىنجاڭنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، 4-ئايدا شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئى...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى بىر پىشۇرۇقچى ئىچىملىك بوتۇلكىسى شەكلىدە تورت ياساپ چىققان. بۇ تورتلارنىڭ سۈرىتى تورغا يوللانغاندىن كېيى...
12-05-2016
      كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك ئىستېمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇن، ياغ، گۆش ۋە كۆكتاتنىڭ باھاسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر كىلوسى ئون نەچچە ي...
11-05-2016
    پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.     4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
11-05-2016
يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، يېمەكلىك دورا دەرمەكلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، كونسېرۋا، سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە-چېۋە...
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
Powered by Leglek