دېسنىي، لۇكاس كىنوچىلىقى يېقىندا «پىلانىتلار ئۇرۇشى» نىڭ تۇغۇندى مەھسۇلاتى «خان سولو» (Han Solo) نىڭ ئارتىس نامزاتىنى 12 ئادەمگە قىسقارتتى، نۆۋەتتە تاراتقۇلار بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز ئادەمنى ئاشكارلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى تەلەيلىك نامزاتقا ئايلىنىپ كېيىنكى كۈنلەردىكى «پىلانىتلار ئۇرۇشى» فىلىمىدا خارىسون فوردنىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ سەككىز نەپەر ئاشكارلانغان «خان سولو» نامزاتى بولسا تۆۋەندىكىچە (ئۈستىدىن ئاستىغا، سولدىن ئوڭغا):
دەيىۋ فرانكو-30 ياش
سكولىت ئىستىۋۇد-29 ياش
ئەنسېل ئېلگورد-21 ياش
بلەيىك جېننېر-23 ياش
لوگان لېرمان-23 ياش
جەك رېينور-23 ياش
مايلېس تېللېر-28 ياش
ئېمورى كوھېن-25 ياش
يېڭى خان سولونىڭ يېڭى 20 ياش ئەتىراپىدا، تۇنجى قېتىم 2016-يىلىدىكى «پىلانىتلارئۇرۇشى: پالۋان بىر» (Star Wars: Rogue One) دە سىرتتىن قاتنىشىدۇ، كېيىن 2018-يىلىدىكى «پىلانىتلار ئۇرۇشى : خان سولو» دا باش رول ئالىدۇ.
«خان سولو» 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇلىدۇ. كرىس مىللېر ۋە فىل لورد بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved