رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوۋ تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ يېقىندا سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ 2017-يىللىق سۇرىيە مەملىكەتلىك سايلىمىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
پىسكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىنى سىرتتىكىلەر قارار قىلماسلىقى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كۆپ قەدەملىك مۇرەسسە قىلىش جەريانى. زۇڭتۇڭ ئەزەلدىن سۇرىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ كەلگۈسىنى سىرتتىكىلەر قارار قىلماسلىقى كېرەك، پەقەت سۇرىيەلىكلەرلا قارار قىلالايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.
پىسكوۋ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15-دېكابىردىكى سۆھبەتتە پۇتىن كېررىي بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرىلەشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved