ئىراق توپىلاڭچىلىرى 300 يەزىد ئايالنى ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ قان سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى
جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى (لەگلەك تورى تەرجىمىسى): ئەنگلىيە كۈندۈلۈك پوچتا گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئالدىنقى ھەپتە يەزىد ئاس سانلىق مىللىتىدىن بولغان تەخمىنەن 300 ئايالنى تۇتقۇن قىلغان، توپىلاڭچىلار ئۇلارنى ئۆزىگە بالا تۇغۇشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ قەدىمىي مىللەتنىڭ قان سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان.
يەزىدلارنىڭ ئەجدادى ئارىيانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاق، سېرىق چاچ كۆك كۆز كېلىدۇ، ئەزەلدىن باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلمايدۇ.
ئەمما توپىلاڭچى ئۇنسۇلار بارلىق مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنى بەيئەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ تۇتقۇنلارنى ھامىلىدار قىلىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە كۇرد قىسىملىرىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى توپىلاڭچى ئۇنسۇرلارنىڭ قورشاۋىنى بۇزدى، تەخمىنەن 45 مىڭ يەزىد مۇساپىرى ئەڭ ئاخىرى سانجار تېغىدىن قېچىپ چىقتى.
لېكىن بۇ ئاياللار يەنىلا قاپسىلىپ قالدى، كۇرد ئارمىيىسى غەرب ئارمىيىسىدىن قورال-ياراق ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
كۇرد لوندون مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەدنان كۆچەر بۇ ئىش ھەققىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا:« توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار سانجار تېغىدا تۇتقۇن قىلىۋالغان تەخمىنەن 300 ئايالنى ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنى ئاپىرىپ بەردى، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا ھەمدە مۇسۇلمان بالا تۇغۇشقا مەجبۇرلىدى. توپىلاڭچىلار بارلىق يەزىد ئاممىسىنى ئۆلتۈرەلمىسە، يەزىدلەرنىڭ قان سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved