ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دېھقان، چارۋىچىلار كېسەل كۆرسەتسە بىۋاستە كارتا سۈرتسىلا بولىدۇ. 14-نويابىر تەڭرىتاغ سودا بانكىسىنىڭ قەشقەر شەرقىي يولى تارماق بانكىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى شەھەر-يېزىلاردىكى ئاھالىلىرىگە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە 6701 نەپەر دېھقان، چارۋىچىغا تارقىتىلغان بۇ كارتىنى پۈتۈن شىنجاڭدا بىر تۇتاش ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. كارتىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىچە شەكىلدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى بىلەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ۋە دېھقان، چارۋىچىلار بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ بىر تۇتاش ئۆلچەمدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
ھەرقايسى ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلار كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) غا چىقىپ، كارتا تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كارتىنى ئېلىپ بانكىغا بېرىپ قوزغىتىشى كېرەككەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved