ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلدى

كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يەتتە جەھەتتە ياردەم بېرىلىدۇ
 ما يىڭنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون 40تىن كۆپرەك كېپىللىك قىلىش ئاپپاراتىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا كېپىللىك قىلىش مۇلازىمىتى قىلىشىنى قوللايدىكەن. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى باشقۇرغۇچىلار ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلاردىن 7000 كىشىنى تەربىيەلەپ، رايون ئىچىدىكى كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئامبىرى قۇرىدىكەن ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن.
  بۇ يىل ئاپتونوم رايون كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مالىيە مەبلىغى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىناۋەت كېپىل سىستېما قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بازار كېڭەيتىش، سېلىقنى يېنىكلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ.
ئاپتونوم رايون تاشلاپ قويۇلغان زاۋۇت ئۆيلىرى، سانائەت رايونلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن ئوننى بەرپا قىلىدۇ. خەۋپ - خەتەرگە مەبلەغ سېلىش، قەرز پۇل خەۋپ - خەتىرىگە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىستۇدېنتلارنى توردا 100 كۈن تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش مەسىلىھەتچىلىكى ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
رايون ئىچىدىكى چوڭ كارخانىلار كەسىپ زەنجىرىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇلار شىنجاڭغا كەسىپ جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يانداشما تۈرلەرنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى يۇقىرى، سەپلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ھازىرقى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، چوڭ كارخانىلار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تېز، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
  ئاپتونوم رايون يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا بانكىسىنى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ماس كېلىدىغان كرېدىت ئىشلىرىدا پائال يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا توپلانما ۋېكسىلى، رايون ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ۋېكسىل قاتارلىقلارنى تارقىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىراجەتنى ئېنىقلاش، سېلىقنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى نازارەت قىلىشنى، تەكشۈرۈشنى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاش قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشقا دائىر تىپىك مەسىلىلەرنى پاش قىلىدۇ ۋە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek