11 -ئاينىڭ 30-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر قىز ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئوقۇتۇش بىناسىدىن سەكرىۋالغان. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشتىن كېيىن قىزچاقنىڭ ۋەسىيەتنامىسى تېپىلغان ئىكەن. يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ پېڭبەي تورى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، بۇ ئىش ئاللىقاچان ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، قىزچاقنىڭ بىنادىن سەكرىشىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلىدىكەن. خېفېي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ياۋخەي تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى ھەقىقەتەن ۋەسىيەتنامە بارلىقىنى دەلىللىگەن، شۇ تەۋەلىكتىكى ساقچىخانا ۋەسىيەتنامە مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پېڭبەي خەۋەرلىرى تورى مۇخبىرى مەخپىي خەت ئەۋەتىش ئارقىلىق، يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى شياۋروڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئىش بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7:30 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە قىلىۋاتقان، ئۇ قىز ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بەشىنچى قەۋىتىدىن سەكرىگەن ئىكەن.
شياۋروڭنىڭ ئېيتىشىچە، بىنادىن سەكرىگەن قىزنىڭ خاراكتېرى ئوچۇق يورۇق، نەتىجىسىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كەيپىياتىدا باشقىچە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن ئىكەن.
خېفېي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر يەرلىك مىكرو بىلوگدا ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ سۆزى تارقىتىلغان، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قىزچاقنىڭ يانچۇقىدىن قەغەزگە يېزىلغان ۋەسىيەتنامە تېپىلغان ئىكەن.
خېفېي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ياۋخەي تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى خىزمەتچى خادىمىنىڭ پېڭبەي تورى مۇخبىرىغا دەلىللىشىچە، ۋەسىيەتنامە ھەقىقەتەن بار ئىكەن، ھەمدە ۋەسىيەتنامە ھازىر چېڭدوڭ ساقچىخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىكەن، ۋەسىيەتنامىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەن.
ۋەسىيەتنامىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى توغرىسىدا يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ پېڭبەي خەۋەرلىرى تورى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە،بۇ ئىشنى ئاللىقاچان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىنادىن سەكرەش سەۋەبى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.
خېفېي شەھىرى يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەكتەپ 1997-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، خېفېي شەھىرىدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەخسلەر ياردەم قىلغان مەكتەپ ئىكەن، بۇ مەكتەپ ھازىر خۇسۇسىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن. بۇ مەكتەپ روھىي جەھەتتە «ئۆزىمىزگە بېسىم بېرىپ ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved