ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 24-نويابىر ئاق سارايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېلنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىگە سۇنغان ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوباما سۆزىدە خاگېلنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش، ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى ‹‹ئۈلگىلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى›› دەپ تەرىپلىگەن.
ئوبامانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر دەل خاگېلنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان مۇۋاپىق پەيت ئىكەن. خاگېل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇشىدىن ئۆتكەنگە قەدەر داۋاملىق خىزمەتتە بولىدىكەن.
بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن خاگېل ئىلگىرى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، شۇنداقلا ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 2013-يىلى فېۋرالدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.
سىرتقى دۇنيادىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئەڭ دەسلەپ ‹‹ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش لايىھەسىنى تۈزگەندە، خاگېل بىلەن ئاق ساراينىڭ پىكىرى بىردەك بولمىغان، شۇڭا ئۇ ھازىر بېسىم تۈپەيلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىقتىكى سايلامدىن كېيىن كابىنېت ئەزالىرىنى تەڭشەيدىغان ئەنئەنىسى بار بولۇپ، خاگېلنىڭ ئىستېپا بېرىشى پەقەت ئاق ساراينىڭ ‹‹چوڭ قان ئالماشتۇرۇش››ىنىڭ باشلىنىشى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved