2015-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ۋولكىسۋاگېن گوروھى 450-دانە ھەم ئەڭ ئاخىرقى بىر دانە بۇگاتى ۋېروننى ساتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۆزگىچە بولغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. ئاخىرقى نۇسخا بۇگاتى ۋېروننىڭ ئىسمى La Finale دەپ بېكىتىلدى، Grand Sport Vitesse نىڭ ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى بولۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سېستىمىسى كۈچلۈك ماتورغا ئىگە، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 1200 ئات كۈچىگە يېتىدۇ.
بۇگاتى ۋېرون ئىتالىيەنىڭ داڭلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماركىسى، فرانسىيە ماشىنا زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگىن گوروھىغا تەۋە. بۇگاتى ماركىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجادچى لاھىيەلىگۈچىسى (Ettore Bugatti) ئېتتورې بۇگاتتى. 1998-يىلى، بۇ شىركەت ۋولكىسۋاگېن تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ھەمدە يېڭى ھاياتى كۈچكە كىرگەن. ئەينى ۋاقىتتا شىركەتنىڭ مەقسىتى سۈرئىتى 400 كىلومېتىر\\سائەتكە يېتىدىغان، قىياپىتى مودا بولغان بىر كۈچلۈك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىدى. 2005-يىلى تۇنجى بۇگاتى ۋېرون تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى. ئاخىرقى نۇسخا بۇگاتى ۋېرون ئوتتۇرا شەرقتىكى سالاھىيىتى نامەلۇم بىر باي تەرىپىدىن 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سېتىۋېلىندى.
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۆزگىچە بولغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى.
بۇگاتى ۋېرون دەرھال تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىدۇ، ئۇنىڭ ئورۇنباسار ماشىنا تىپى Chiron كېلەر يىلى 3-ئايدا جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا بۈگۈن بىز بۇ بىر قاتار بۇگاتى ۋېروننىڭ كوچا سۈرىتىنى ئېلىپ كەلدۇق.
بۇگاتى ۋېرون
چەكلىك مىقدارى: 450 دانە، باھاسى: 2.30 مىلىيون ياۋرو (تەخمىنەن 16.20 مىلىيون يۈەن، دۆلەت ئىچى باھاسى 25 مىلىيون يۈەن)، ماتورى 8.0T W16، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 1200 ئات كۈچى، ماشىنا ئېغىرلىقى 1888 كىلوگرام، 0-100 كىلومېتىر\\سائەتكە تېزلىنىش ۋاقتى ئاران 2.5 سىكۇنىت، سۈرئىتى 100 كىلومېتىر\\سائەتتىن نۆلگە تورمۇزلاش ۋاقتى ئاران 2.3 سىكۇنىت، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 407 كىلومېتىر\\سائەت.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved