30 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 9 پۇل مۇئامىلە ئۇقۇمى

1. مۈلۈكنىڭ ساپ قىممىتى: سىزنىڭ مالىيە ئىشلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقى مۈلۈك ساپ قىممىتى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، يەنى ئۇمۇمىي مۈلۈكىڭىزدىن ئۇمۇمىي قەرزىڭىزنى چىقىرۋەتكەندىكى قالدۇق سىزنىڭ مۈلۈك ساپ قىممىتىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ مال مۈلۈك ساپ قىممىتىڭىز 0 دىن چوڭ بولسا، بۇ سىزنىڭ مالىيە ئەھۋالىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ ناۋادا ناۋادا مۈلكىڭىزنىڭ ساپ قىممىتى 0 دىن كىچىك بولسا يەنى ئۇمۇمىي قەرزىڭىز مال-مۈلۈكىڭىزدىن كۆپ بولسا، ئۇنداقتا سىز تىرىشىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشڭىز كېرەك.

2. پۇل پاخاللىشىش: بۇ ئاتالغۇ ئادەتتە پاخاللىشىش دەپلا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئېشش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI)ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.

پاخاللىشىش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، بۇ مال باھاسى ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ شۇنچە تېز بولۇپ، سىز ئوخشاش پۇلغا سېتىۋالالايدىغان نەرسىنىڭ شۇنچە ئازلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتىدىن چوڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىزنىڭ كىرىمىڭىزنىڭ ئېىشش سۈرئىتى پۇل پاخاللىقى قەدىمىگە يېتىشەلمىسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ مال سېتىۋېلىش كۈچىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

3. يۈرۈشۈشچانلىق

يۈرۈشۈشچانلىق مال-مۈلكىڭىزنىڭ نەق پۇلغا ئايلىنىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. نەق پۇل يۈرۈشۈشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بايلىق، چۈنكى سىز ئۇنى ھەر قاچان ئىشلىتەلەيسىز. ئۆي-مۈلۈك ۋە قېرىغاندا كۈتۈنۈش پۇلى قاتالىقلارنىڭ يۈرۈشۈشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەق پۇلغا ئايلىنىشىغا مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. يىراقتىكى سۇ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرالمغاندەك، سىز جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا مال-مۈلكىڭىزنىڭ يۈرۈشۈشچانلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

4. ئىتتىك بازار

ئىتتىك بازار بازرنىڭ ئۆسىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر ياخشى ئىش بولۇپ، ئىتتك بازاردا پاي باھاسى ئۆرلەيدۇ. ئىتتىك بازار ئادەتتە ئىقتىسادىنىڭ ئۇمۇمىي جەھەرتتىن ياخشىلىقىدىن، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئەمەلسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا ھازىر دەل ئىتتىك بازار ھالىتىدە تۇرماقتا.

5. كاسات بازار

كاسات بازار بىلەن ئىتتىك بازار بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولۇپ، كاسات بازاردا پاي باھاسى چۈشۈپ، ئىقتىساد چېكىنىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەيدۇ.

6. خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى سىزنىڭ بازار ئۆزگۈرۈشىگە بولۇپمۇ كاسات بازارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. سىزنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقىڭىز سىزنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى كەسكىنلكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.


7. بايلىقنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە كۆپ مەنبەلىك تىجارەت ئىستىراتېگىيىسى

بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى سىزنىڭ پۇلنى نەگە ئىشلىتىشىڭىزنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ سىزنىڭ ئېھتىياج ۋە نىشانىڭىزغا باغلىق. ھەم بۇ سىزنىڭ كۆپ مەنبەلىك تىجارات ئىستىراتېگيىڭىزنىڭ ئاساسى.

كۆپ مەنبەلىك تىجارات ئىستىراتېگيىسى خەۋىپ-خەتەرنى تارقاقلاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: سىز تۇخۇمنىڭ ھەممىسىنى بىر سۆۋەتكە سالسىڭىز، ناۋادا سېۋەت يەرگە چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟ شۇڭلاشقا بايلىقىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ئىشقا ئىشلەتمەڭ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى ئاددىي بولغان كاپىتالنى تارقاقلاشتۇرۇش خەۋپ-خەتەرنى تارقاقلاشتۇرالمايدۇ، كۆپ مەنبەلىك تىجارەت ئىستىراتېگيىسىنىڭ ئۆنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىز چوقۇم مەبلەغ سېلىش تۈرى جەھەتتە تەدبىر قوللىنىشىڭىز لازىم.

8. ئۆسۈم

ئوخشاش بولمىغان شارائىتتا ئۆسمۈممۇ سىزگە ياردەم قىلىشى ياكى سىز بىلەن قارشىلىشىشى مۇمكىن. پۇل قويغان ۋاقتىڭىزدا ئۆسۈم پۇلىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل تۇغىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سىز پۇللىرىڭىزنى بانكا ھېساۋاتىڭىزغا كىرگۈزگەن ۋاقتڭىزدا، بانكا سىزدىن پۇل سورىغان بولىدۇ، ئەمما سىزگە ئۆسۈم تۆلىمەيدۇ. ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

9. دومىلىما ئۆسۈم

دوملىما ئۆسۈم يەنە ئاددىي قىلىپ ئۆسۈمنىڭ دوملىما ئۆسۈمى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مىسال قىلىپ ئالساق: ناۋادا سىز 100 يۈەن پۇل ئامانەت قويسىڭىز، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %7 بولسا، بىر يىلدىن كېيىن سىزنىڭ پۇلىڭىز 107 يۈەن بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى سىز ئۆسۈم ھىسابلايدىغان ئاساسى سان 107 گە ئۆزگۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ 100 يۈەن پېتى تۇرمايدۇ. دومىلىما ئۆسۈمنى كىچىك كۆرمەڭ، ئۇنىڭدا ھەر يىلى ئۆسۈم ھېسابلىنىدىغان پۇلنىڭ دىرى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈممۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ-دە يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭز ياكى تۆلەيدىغىنىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ خۇددى بىر قوي باقسىڭىز تۇغۇپ كېلەر يىلى ئىككى بولۇپ، 3- يىلى ئىككى قوي تۇغۇپ 4 بولۇپ، 4- يىلى 4 قوي تۇغۇپ 8 بولغانغا ئوخشايدۇ.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek