خۇاشو بۈگۈن يېڭىدىن لايىھەلەنگەن X/N تۈرىدىكى Win10 خاتىرە كومپيۇتېر مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارغا ئىنتېل 6-ئەۋلاد Core بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، Skylake قۇرۇلمىسى ۋە 4K ئېكران قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن ئىكەن.
خۇاشو بۇ قېتىم N تۈرىگە تەۋە 15.6 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن N552 ۋە 17.3 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن N752 نى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئىنتېل 6-ئەۋلاد Core بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2-ئەۋلاد USB3.1 Type-C ئېغىزى، DDR4 تىپلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، PCIe ئېغىزى، SSD قاتتىق دېسكا، ئېنىقلىق دەرىجىسى 4K گە يېتىدىغان IPS ئېكران ۋە Nvidia GTX960M تىپلىق مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن، سىرتقى شەكلى بىر گەۋدە ھالەتتە لايىھەلەنگەن ئىكەن.
X تۈرىدە بولسا X456、X556 ۋە X756 قاتارلىق ئۈچ خىل يېڭى تىپتىكى خاتىرە كومپيۇتېر ئېلان قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئېكرانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 14، 15.6 ۋە 17.3 دىيۇم بولۇپ، ھەممىسىگىلا ئىنتېل 6-ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ، GT940M تىپلىق مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىسى، 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 2TB لىق قاتتى دېسكا، USB Type-C ئېغىزى ۋە SonicMaster ئاۋاز ياڭراتقۇسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن، ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P ئىكەن.
ھالبۇكى، يۇقارقى ئىككى تۈرگە تەۋە يېڭى خاتىرە كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە بازارغا كىرىش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار ھازىرچە ئېلان قىلىنمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved