2015–يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS3 مۇسابىقە بۆلىكى قۇملۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش بۆلىكىدىكى خەتەرلىك پەيىتلەر
2015–يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS3 مۇسابىقە بۆلىكى مۇسابىقىسى 24 -ئىيۇن قۇمتاغدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە پىچان ناھىيەسى ئېزىتقۇ مەنزىرە رايونىدىن باشلانغان بولۇپ، پىچان ناھىيەسى قۇمكۆل جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ غەربىگە تەخمىنەن 2 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئاخىرلىشىدۇ، بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم مۇساپە قۇملۇق يول بۆلىكى، كېيىنكى يېرىم مۇساپە چۆللۈك، دەريا قېنى قاتارلىق يول بۆلەكلىرى بولغاچقا، مۇسابىقە يەر شەكلى ئالدىنقى مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ، قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى.
ئىگىلىنىشىچە، قۇمتاغدىكى يۇقىرى تېپمېراتۇرا SS3 مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئاساسلىق مىلودىيەسى بولۇپ قالغان، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە شۇ كۈنى پىچاندا تېمپېراتۇرا ℃40 بولغان، ئەمما چۆللۈك ۋە قۇملۇقتا تېمپېراتۇرا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان، ھەتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃60 قا يېقىنلىشىپ، ماھىرلارغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved