ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ پارتلىشى بىلەن غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى پەيدا قىلدى دەپ رۇسىيىگە قارىتا ئىقتىسادى جەھەتتىن جازىلاش تەدبىرىنى يولغا قويدى، رۇسىيە بۇنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ئىقتىسادى يەنىلا غايەت زور ئىقتىسادى بېسىمغا يولۇقماقتا.
رۇسىيە يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.7 ئاشقان، يىللىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا، رۇسىيىنىڭ 8-ئايدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى نۆل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلىگەن خەلقئارا ئورگانلار رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى بەس-بەستە تۆۋەنلەتكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشى ۋە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى غايەت زور بېسىمغا يولۇقتى.
رۇسىيە ئىقتىسادى تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە: بۇ يىل رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %0.5، كىلەر يىلى %1.2 بولىدىكەن. بىراق ياۋروپا گۈللىنىش بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاشمايدىكەن، كىلەر يىلى %0.2 تۆۋەنلەيدىكەن. خەلقئارادىكى داڭلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى بولغان مورگانستانلىنىڭ مۆلچەرلىشىچە كىلەر يىلى رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.5 تۆۋەنلەيدىكەن. دۇنيا بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2015-يىلدىن 2016-يىلغىچە رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.3 دىن%0.4 گىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
خەلقئارا ئورگانلار رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئانچە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمىگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، رۇسىيىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ، بۇنى قايتۇرۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى يېتىپ كېلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا رۇسىيىنىڭ ئومۇمىي قەرزى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، بۇ قەرز رۇسىيە ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىغا چېكىندۈرىدىكەن.
رۇسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2008-يىلدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغاندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلگەن، بىراق ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە خەلقئارا بازاردا مەبلەغ ئىزدىسە بولاتتى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى جازالاپ، رۇسىيىنىڭ غەرب ئەللىرى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن قەرز پۇلغا ئېرىشىشى ئىشكىنى تاقىۋەتتى، شۇڭا، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش بولمىسا ئىقتىسادى تۈرلەرنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۇندىن باشقا، خەلقئارادىكى داڭلىق باھالىغۇچى ئورگانلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2015-يىلى رۇسىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھازىرقى 460 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئازىيىپ 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قىلىپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئازىيىشى رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى غايەت زور بېسىمغا يولۇقۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، غەرب ئەللىرى رۇسىيە ئىقتىسادىغا بولغان جازالاش بېسىمىنى يۇقىرىلاتقانلىقتىن بولدى. غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيىگە قاراتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالىشى پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، دۆلەت موداپىئەسى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادى ساھەلەرگە چېتىلغانلىقتىن، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىغا مەلۇم زەربە بولدى. بىرىنچىدىن، بۇ نۆۋەتلىك جازالاش رۇسىيە پۇلى رۇبلىنىڭ پاخاللىشىش دەرىجىسىنى زورايتىپ، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، جازالاش رۇسىيە تارقاتقان ئاكسىيەنى پاخاللاشتۇرۇۋېتىپ، رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ يېتەرلىك مەبلەغقا ئېرىشىپ قايتا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بىر قىسىم رۇسىيە تاۋارلىرىنىڭ بازارنى تەمىنلىيەلمەسلىكىنى ۋە بازارنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خەلق تۇرمۇشى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى رۇسىيىدە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ. بۇ مال باھاسى سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رۇسىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي كېرىم سەۋىيەسى بىلەن ئومۇمىي ئىستېمال سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا، غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ نېفىت كەسپىگە قاراتقان جازاسى، رۇسىيىنىڭ نېفىت كارخانىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئالدىن مۆلچەرلىگەن قېزىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، رۇسىيىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى بىلەن ئېكسپورت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيىنىڭ نېفىت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيە نېفىت كارخانىلىرى بۇ تۈرلەرگە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كېلەلمىسە رۇسىيىنىڭ نېفىت كارخانىلىرى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ.
يېقىندا خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بېرىلگەن بىر يامان ئۇچۇر بولۇپ ھېسابلاندى، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى رۇسىيىنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئازىيىشىغا ۋە مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ كېڭىيىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن. رۇسىيىنىڭ كۆپلىگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە جەھەتتىن تولۇقلىما بېرىشىگە تايىنىدىغان بولغاچقا، جايلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭمۇ يامانلىشىشدىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved