شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: دىققەت ! بۇ يىل يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى پەيدا قىلغان «ئىران يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى» يەنە كېلىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى يەنە بىر قېتىملىق ئىسسىق دولقۇننى كۈتۈۋالىدۇ! بىراق، بۇ قېتىمقى ئىسسىق دولقۇننىڭ كۈچى ئىيۇلدىكىدەك زور، داۋاملىشىش ۋاقتى ئىيۇلدىكىدەك ئۇزۇن بولمايدۇ.
مۇشۇ ھەپتە كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلىدى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تېمپېراتۇرا ℃30.3قا چىقتى، بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32قا چىقىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا شەھەر ئاساسىي رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35قا، شەھەرنىڭ شىمالى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37قا چىقىشى مۆلچەرلەنگەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا قارىتا تۈنۈگۈن(19-ئاۋغۇست) چۈشتىن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.
يۇقىرى تېمپېراتۇرا تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر ئىيۇلدىكى ئىراندىن كەلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى ئەسكە ئالىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەنە بىر قېتىم قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دوۋ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىران يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەنۇبىي شىنجاڭدىن بارابارا ششىمالىي شىنجاڭغا قاراپ سۈرۈلىدىكەن، بىراق، كۈچى ئىيۇلدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدىكەن، ئۇ پەقەت شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قىسمەن رايونلارغا تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، بورتالا، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا تەسىر قىلمايدىكەن. يەكشەنبە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۇجۇم قىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ كۈچى بارا-بارا ئاجىزلىشىدىكەن.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35تىن ئاشىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئچىىدە تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن ئاشىدىكەن.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved