جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى شاۋشىڭ قاماقخانىسىنى يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ، قاماقخانىدا جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان 600 دىن ئارتۇق جىنايەتچى 8-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن قاتتىق نازارەت ئاستىدا يېڭى قاماقخانىغا يۆتكەلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ ج خ تارماقلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرى ، قوراللىق ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار تولۇق قوراللىنىپ جىنايەتچىلەرنى بىخەتەر يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلغان . ئالاقىدار خادىملارنىڭ خىزمەتنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە ، جىنايەتچىلەر شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 غىچە يېڭى قاماقخانىغا ئوڭۇشلۇق يۆتكەلگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved