رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇر قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كېلىدىغان خېيىم خەتىرى ۋە خىرىسىنى تېزدىن تەھلىل قىلىشى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشكە بۇيرىدى.
پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە سىستېمىلىق تەدبىر قوللىنىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشى ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك. بۇندىن باشقا، زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى بىر پۈتۈن سىياسىتىنى تەڭشىشى كېرەك.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئالتۇن كېسەك ئەللىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved