ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئېسىل غىزالاردىن بىلەن تاماقلىنىدۇ، بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش كىرگەندىن كىيىن، كىشىلەر دائىم بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ياكى بەدەننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاڭسىز ھالدا نۇرغۇن مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ. مايلىق تاماق يىگەن، شۇنداقلا سەمىرىشنى خالىمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكلىك بەلكىم ئۈنۈملۈك ھالدا بەدەندىكى ماينى سېرىپ، سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن.
1. سۇلۇ
سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى مول بۇلۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تويۇنۇش تۇيغۇسى ھاسىل قىلىپ، مايلىق ۋە تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورۇقلاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداقلا سۇلۇ « تەبىئىي ئۈچەي تازلاش ئىشچىسى » بۇلۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
2. كۆممىقوناق
كۆممىقوناق ئۇنىڭ تەركىبىدە مول بولغان كالتسىي، فوسفور، سېلېن، لېتسىتىن، ۋىتامىن E قاتارلىقلار قان تەركىبىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە بۇلۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى يۈز بېرىشى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆممىقوناق يەنە ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى، سېرىق چۈشۈش تېپىدىكى جىگەر ياللۇغى ۋە دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
3.ئالما
ئالما تەركىبىدە مول بولغان كالىي بەدەندىكى ئارتۇقچە ناترىيلىق تۇزنى ھەيدەش رولىغا ئىگە.تەركىبىدىكى مىۋە كىسلاتاسى ياغ يىغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە، ئالما تەركىبىدىكى يەنە باشقا ماينى تۆۋەنلىتىدىغان ماددىلار، مەسىلەن ۋىتامىن C، مېۋە شېكىرى، ماگنىي قاتارلىقلار بىرىكىپ، يېڭى بىرىكمە ھاسىل قىلىپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ.
4.لامىنارىيە
لامىنارىيە تەركىبىدىكى مول بولغان سېللۇلوزا قان تەركىبىدىكى ماينى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا ئۈچەي يولىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەر ۋە توكسىننى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىغانلىقتىن، تۈز ئۈچەي راكى ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
5.پىچەكگۈل
پىچەكگۈل تەركىبىدىكى يېڭى سۇيۇقلۇق ئاقسىلى يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا ياغ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قالغان ماينى ئازايتىپ، سېمىزلىكتىن ساقلايدۇ. پىچەكگۈل ئىچىدىكى دوپامىن قان تومۇرنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. پىچەكگۈلنىڭ يەنە ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، تەن ساغلاملىقنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى بار بۇلۇپ، ھېيت - بايرام كۈنلىرى مەزگىلىدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، پىچەكگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقىغا ئازراق شېكەر قوشۇپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.
![]() |
تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved