28 نەپەر مىليونېرنى تەربىيلىگەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ

سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ پالو ئالتو (Palo Alto) شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەكتەپنىڭ كۆلىمى 35 كىۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ مەكتەپ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىكى ئىككى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى.سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 1891-يىلى لېلاند سىتانفورد (Leland Stanford) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. سىتانفورد ئەپەندى تىنچ ئوكيان تۆمۈر يول ئىگىلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن مۈلۈك توپلىغان، بىراق يالغۇز پەرزەنتى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بارلىق مۈلكىنى چىقىرىپ، كالفورنىيە شىتاتىدا بۇ مەكتەپنى قۇرغان.

مەكتەپ قورۇسىدىن مېڭىپ ئۆتكەندە، مەدەنىيەت بىلەن ئۆگىنىش كەيپىياتىنىڭ مەركەز قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئامېرىكىنىڭ 21-ئەسىردىكى پەن-تېخنىكىسىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ مەكتەپنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمۇ ھاياتلىقتىكى بىر بەخت ھېسابلىنىدۇ. سىز ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئامېرىكىنىڭ كېرىمىنىيلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۇل سالغان بۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىرمۇ لەۋھە تاختىسى يوق، بۇ سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «سىز مېنى تونۇشىڭىز كېرەك» دېگەن ئىشەنچىنىڭ بولغانلىقىدىن.

مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرسىڭىز، كەڭرى ۋىندىمل پالما دەرەخلىك يولنى كۆرىسىز، يولنىڭ ئۇچى تۆت چاسا كەلگەن كەڭ مەيدان بىلەن تۇتىشىدۇ. مەكتەپ ھويلىسىنى تاماشا قىلىشتىكى مەركىزىي نۇقتا بولغان بۇ مەيداننى نيۇ يورك شەھىرى مەركىزىي باغچىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ھولمىس.ل.فرېدىرىگ (Frederic Law Olmstead) لايىھەلىگەن. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ مەكتەپنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن قالسا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پىرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى.

بۇ مەكتەپنىڭ يەنە بىر ۋەكىل خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشى مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان خاتىرىلەش چېركاۋى(Memorial Church). بۇ چېركاۋ 1903-يىلى رومانتىزم ئۇسلۇبىدا ياسالغان مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى تېمىغا رەڭلىك نەقىشلىك سۈرەت ئويۇلغان بولۇپ، ئىنچىكە كۈزىتىپ ھوزۇر ئېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىگە سېرىق خىش ۋە قىزىل كاھىش ئىشلىتىلگەن، قۇرۇلۇشلار نىڭ ھەممە تەرىپى ئىنتايىن مۇكەممەل ياسالغان ، 17-ئەسىردىكى ئىسپانىيەنىڭ دىن تارقىتىش چېركاۋلىرىغا ئوخشايدۇ. مەلتەپ ئىزىگە كىرسىڭىز، ئالدى بىلەن توپا سېرىق رەڭلىك تام ۋە قىزىل ئۆگزىلىك ئەگمە شەكىللىك كارىدورنى كۆرىسىز، كارىدور ئۇزۇنىغا ۋە توغرىسىغا ئۆزئارا كېسىشكەن، مەدەنىيەت ۋە ئۆگىنىش كەيپىياتىغا چۆمگەن كىلاسسىك ۋە زامانىۋىي ئۇسلۇب بىرىكىپ كەتكەن مەنزىرىنى كۆرىسىز.

سىتانفورد ئۇنىۋرېسىتېتى تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى شەخسى ئۇنىۋرېسىتېت بولۇپ، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ئامېرىكا خەۋىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئامېرىكىدىكى 5-چولپان دەرىجىلىك ۋە ئىلم-پەن جەھەتتە 1-دەرىجىلىك مەكتەپ دەپ تەرىپلەنگەن. 2002-يىلى، «ئامېرىكا خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى ئەڭ يېڭى تەرتىپكە تۇرغۇزۇلغان ئامېرىكىدىكى ئاسپرانتلار مەكتىپى دەرىجىسىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭدا قۇرۇلۇش ئىنىستېتۇتى ۋە پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە 2- ئورۇندا، سودا تىجارەت پەنلىرى ئىنىستېتۇتى بولسا 1-ئورۇندا تۇرغان. كارخانا باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنى ۋە قانۇن ئىنىستېتۇتى ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. قانۇن ئىنىستېتۇتى رەتكە تۇرغۇزۇلغاندا دائىم ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئىلگىرى بىر مەزگىل ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سوتىنىڭ 9 سودىيەسىدىن 6سى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا «فوربس» ژۇرنىلى 2010-يىلى ئېنىقلىغان مىليونېر ئەڭ كۆپ چىققان ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 28 مىليونېرى بىلەن 2- ئورۇندا تۇرغان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1-ئىكەن.
سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا بويىچە تۇنجى بولۇپ مەكتەپ قۇرۇسى ئىچىدە سانائەت رايونى تەسىس قىلغان مەكتەپ، داڭلىق پەن تېخنىكا گۇرۇھلىرىدىن مىكروسوفت شىركىتىمۇ مەكتەپ ئىچىدە ئۆز بارگاھىنى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئىلغار، قابىلىيەتلىك كىشىلەر توپلاشقان كىرىمنىيلىق جىلغىنى ھاسىل قىلغان. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيا سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ھازىرقى سودا سانائىتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى خۇۋېر، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا داھىيلىرى ۋە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر بار. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ كىرىمىنىيلىق جىلغىسىنىڭ ئۇلىنى سالدى، دۇنيا زامانىۋىي پەن-تېخنىكا مەدەنىيىتىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۇنيادىكى مەشھۇر كارخانىلارنى قۇردى، مەسىلەن:, HP, EBye ,Cisco, Google,Nike قاتارلىقلار يەنە ئارمېرىكىدىكى پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان مەشھۇر شىركەتلەرنى قۇرغان.


سىتانفورد ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر قايسى پەن ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قاتارىدا دائىم ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلىدىكەن. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ سەركەردىسى بولالىشى ئۇنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل بولغان مەكتەپ قورۇسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك . سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تەلىمى: ئەركىنلىكنىڭ شامىلى مەڭگۈ يەلپۈتەيلى. بۇنىڭدىن بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزىگە خاس، روشەن بولغان مەكتەپ قۇرۇش ئىدىيەسى سىتانفوردنىڭ ئەنئەنىۋىي ئالاھىدىلىكىنى تىكلىگەن. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە جەڭ ئېلان قىلىشنى تەكىتلەيدىكەن ھەمدە بۇ ئىككى تۈرنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسىي شەرت قىلغان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek