بىر ئەر، مەزكۇر شەھەردە تۇرۇشلۇق ئەمما بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان «قىز دوستى» غا ئارقا-ئارقىدىن تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ساقچى تەرەپ دېلونى پاش قىلغاندا، ئۇ ئەر ئۆزىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن «قىز دوستى» نىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ۋاڭ چاۋنىڭ يۇرتى باشقا يەردە بولۇپ، بۇ يىل 30 ياش ئەتراپىدا. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا، ئۇ مەزكۇر شەھەردىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا توردىكى ئىسمى «قەلبىدە چىڭ ساقلاش»(刻骨铭心) بولغان بىر تورداشنى ئۈندىدار ئارقىلىق دوستلۇققا قاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈندىداردىكى باش سۈرىتى ئايال كىشىنىڭ ئىكەن. تونۇشقاندىن كېيىن، ئىككەيلەن ئۈندىداردا يامان ئەمەس پاراڭلاشقان، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قىز-ئوغۇل دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «قىز دوستى» كۆرۈشۈش، تويلۇق پۇلى، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋاڭ چاۋدىن 147000 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك نەق پۇل ۋە بىر ئايفون ئالغان. «لايىقلىق» مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ۋاڭ چاۋ كۆپ قېتىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپ ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە سۆرىگەن.
كېيىن، ۋاڭ چاۋ ئەھۋالنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مەزكۇر شەھەرگە كەلگەن. «قىز دوستى» كېسەل كۆرسەتكەن دوختۇرخانىغا كېلىپ سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇنداق ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ چاۋ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىغان ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، دوڭئەن جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش 2-چوڭ ئەتىرتىدىكى ساقچىلار دېلونى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، تېزلىكتە بۇ دېلوغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ھەمدە 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان.
جىنايەت گۇماندارى جاڭ لى، ئەر، 1989-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مەزكۇر شەھەردىن ئىكەن. جاڭ لى، ئۆزىنىڭ ئۈندىداردا ئايال كىشىلىك سالاھىيتى، ئايال كىشىنىڭ باش سۈرىتى ۋە ماتېرىيالىنى يالغاندىن ئىشلىتىپ، «لايىقلىق» مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ۋاڭ چاۋدىن مال-مۈلۈك ئالغانلىقىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. نۆۋەتتە جاڭ لى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ دېلو يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved