گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن كانادا زۇڭلىسى خارپىر بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى لى كېچياڭ خارپىرنى خەلق سارىيىنىڭ شىمالى زالىدا قارشى ئېلىش مۇراسىمىي ئۆتكۈزدى. سۆھبەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھچى بولدى. خارپىر بۇ قېتىمقى زىيارەتتە يەنە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved