شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شاھزادە ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى


شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 14-يانۋار تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-يانۋار ‹‹خەلق›› سارىيىدا خەلقئارا ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى، شاھزادە ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى.

 


شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ئولىمپىك جەمئىيىتى پۈتۈن دۇنيادىكى 205 ئولىمپىك كومىتېتىنى ماسلاشتۇرىدىغان ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ، ھەرقايسى ئولىمپىك كومىتېتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى. ئولىمپىك جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشتى.

 

تەنتەربىيە ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ بىر تۈرلۈك مۇقەددەس ئىشى، تەنتەربىيە ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىن ھېسسىياتىنى قوزغاتتى.


شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن جاڭجياكو شەھىرى 2022-يىلى 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek