بالىڭىزنى تاماق تاللىمىسۇن دېسىڭىز...

ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ بالىلاردىكى تاماق تاللاش مەسىلىسى توغرىسىدا 20نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، 90پىرسەنت بالىلارنىڭ تاماق تاللاش باسقۇچى بار ئىكەن.  دۆلىتىمىزدە ، بالىلارنىڭ تاماق تاللىشىمۇ نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. تېخىمۇ كۆپ ئاتا - ئانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇقشۇناسلار يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، « بالىلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بەش خىل ئامال » نى ھەمبەھىرلىگەن.

  1. ئۆزى تاماق تەييارلاش

  ئاتا - ئانىلار ئۆزى قول سېلىپ، ئەلا سۈپەتلىك قارا گۆشنى تاللاپ، ھامبۇرگ بولكىسى ۋە پىسسا قاتلىمىسى قاتارلىق بالىلار يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان تېز تاماق تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ. تەييارلاش جەريانىدا مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات، مېۋە ۋە كۆممىقوناق دانچىلىرى قاتارلىق ساغلام يېمەكلىكلەرنى قوشسا بولىدۇ. مېۋە شەربىتى ۋە يېڭى مېۋە - چىۋىلەردىن پايدىلىنىپ تاتلىق تۈرۈملىرىنى ياكى مېۋە تەملىك چوكا مۇزلارنى تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ.

  2. مېۋە - كۆكتاتلارغا ئائىت ھېكايىلەرنى دائىم سۆزلەپ بېرىش

  بىر بالىنى مېۋە - كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دائىم ئۇنىڭغا « مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ ھېكايىسى »نى، مەسىلەن، مېۋە - كۆكتاتلارنى قانداق ئۆستۈرگەندە ساغلاملىققا پايدىلىق بولىدۇ دىگەندەكلەرنى سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ.  بالىلار مېۋە – كۆكتاتلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپەيگنسېرى،ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن.

  3.مېۋە - كۆكتاتلاردىن شەكىل چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش

  بالىنى مېۋە - كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرگۈزۈش ئۈچۈن، مېۋە - كۆكتاتلار تەملىك، يېڭى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئامال قىلىپ قارىماققا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قىلىپ تىزىش كېرەك. مەسىلەن، مېۋە - كۆكتاتلارنى كارتون شەكلىدە تىزسا، گۆش ۋە مېۋىلەردىن « مارجان » ياكى «يۈرەك» قاتارلىقلارنى تىزسا بولىدۇ.

  4.ساغلام ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ قويۇش

  ئەگەر ئۆيدە تەييار قىلىپ قويغان يېڭى مېۋە سالىتى، قېتىق، ئۆزى پۇشۇرغان كىچىك پېچىنە قاتارلىق نىسبەتەن ساغلام بولغان ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەر بار بولسا، بالىلار قورسىقى ئاچقاندا تەلۋىلەرچە بەرەڭگە قەلەمچىسى يىمەيدۇ، ئسسىقلىق كالورىيەسى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدۇ.

  5.بالىنى تاماق ئېتىشكە قاتناشتۇرۇش

  كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئاشخانىغا بولغان ھەۋىسى كۈچلۈك، قاتنىشىش تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.تاماق ئىتىشنى پىلانلىغان ۋە تەييارلىق قىلغاندا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى چاقىرىپ، قولى بىلەن سىقىپ مېۋە شەربىتى چىقىرىش، تۇخۇم چىقىپ ئارىلاشتۇرۇش،تاماقنىڭ تەمىنى تېتىش قاتارلىقلار ئىشلارغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ.قورۇما قورۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ياكى مېۋە ئاقلىنىپ بولغاندىن كىيىن بالىلار تەخسىگە تىزسا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ قىززىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا پايدىلىق.

  ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بالىلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن ئۈلگە بولىشى لازىم، ، شۇنداقلا بالىلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىشى ناھايىتى مۇھىم.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek