يۈزىدە دانىخورەك بارلار يۈز سوپۇننى كۆپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. دانىخورەك، ئادەتتە، تېرىسى ياغلىق ئادەملەرگە كۆپ چىقىدۇ. بەزى كىشىلەر يۈز سوپۇنى بىلەن يۈزنى دائىم يۇيۇش ئارقىلىق تېرىدىكى ياغنى چىقىرىۋەتكەندە دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ قاراش خاتا. چۈنكى تېرە يۈزىدە تېرە ياغ پەردىسى، دېيىلىدىغان تەبىئىي قوغدىغۇچى پەردە بولۇپ، يۈزنى يۇيۇپ ئىككى-ئۈچ سائەتتىن كېيىن تېرە ياغ پەردىسى قايتا پەيدا بولالايدۇ. تېرە ياغ پەردىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تېرە ياغ بېزى توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ.
بۇنداق بولغاندا يۈزنى قانچە كۆپ يۇيغانسېرى ئاجرىلىپ چىققان ياغ ئاجرالمىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ ۋە ئاسانلا دانىخورەك شەكىللىنىدۇ. بولۇپمۇ ئېغىز بىلەن بۇرۇن ئەتراپىغا چىققان دانىخورەكنى خالىغانچە سىقىشقا بولمايدۇ. بۇ ئەتراپتا قان تومۇرلار كۆپ بولۇپ، شاخچە تومۇرلار ئېغىز ۋە بۇرۇن ئەتراپىغا زىچ جايلاشقان بولىدۇ. بۇنداق يەردىكى دانىخورەكنى سىققاندا، دانىخورەكتىكى ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەر قانغا ئۆتۈپ، بەزى ئېغىر كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved