جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ‹‹تاما–تاما كۆل بولۇر، تاش يىغىلسا تاغ بولۇر›› روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – نويابىر كەچتە جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ – چوڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.


جۇڭنەنخەينىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، دەرەخلەر سۇغا كۆلەڭگە تاشلاپ ئۆزگىچە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ يىڭتەي سۇپىسى ئالدىدا ئوبامانى قارشى ئالدى، ئىككىيلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ئەھۋاللاشتى. شى جىنپىڭ ئوبامانىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم زىيارەت كۈنتەرتىپىڭىز ناھايىتى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بىز دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە دائىر رەسمىي پائالىيەتلەرنى، شۇنداقلا قىسمەن ئازادە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق، زىيارىتىڭىزنىڭ خۇشال داۋاملىشىشىنى ھەم مول نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئوباما مۇنداق دېدى: جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، جۇڭگونىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن.


شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما يىڭتەي كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان شىپاڭ – راۋاقلارغا رەتلىك ئېسىلغان پانۇسلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. قەدىمىي يىڭتەي جۇڭگودىكى نەچچە يۈز يىللىق ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت. شى جىنپىڭ ئوباماغا يىڭتەينىڭ تارىخىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىنى چۈشىنىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ھازىرقى غايىسى ۋە ئىلگىرىلەش يولىنى بىلىشتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.


شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پىيادە مېڭىپ خەنيۈەن قەسىرىگە كەلدى.


شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 6 – ئايدا ئاننىبېرگ قورۇقىدا ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق ھەم سائىنت پېتىربۇرگ بىلەن گائاگادا ئىككى قېتىم كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېفونلىشىش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدۇق. شۇنى خۇشاللىق بىلەن ھېس قىلدىمكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خېلى كۆپ دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇق.

ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئېڭىنى ئېتىراپ قىلىشى كۈچىيىپتۇ ھەم بۇنىڭغا زور ئۈمىدلەرنى باغلاپتۇق. زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت. شۇڭا دائىملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلىشىمىز، ئىش بولسا سۆھبەتلىشىپ، بولمىسا جىم تۇرۇۋالماي، بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، بولۇپمۇ ئېچىۋېتىش خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى دۆلەت خەلقى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىجادچانلىققا باي خەلق، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى زىچ باغلانغان. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئامېرىكا – جۇڭگونىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ ئوبامانى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. بىللە غىزالىنىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ ئوباماغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ھازىر دۆلەت ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تاپتۇق. بىز مۇشۇ يولنى بويلاپ قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرىلەيمىز. جۇڭگونىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى داۋاملىق ساقلىشى دۇنياغا پايدىلىق بولۇپ، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو – ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.


شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى جۇڭگونى چۈشىنىش، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى مۆلچەرلەش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى ۋە جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك. زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدىن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى قەدىمدىن تارتىپ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە ئىززەت – ئابرۇيىنى قەدىرلەپ كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلرايىغا بېقىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي بوشاشماي ماڭىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاشلىقلارنى ساقلاپ قېلىپ، پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ئوخشىماسلىقلاردا بىرلىككە كېلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قىسمەن ئىختىلاپلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئەمەس، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى جەزمەن تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىنى ئويناپ، ئالاقىدار ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.


ئوباما مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، جۇڭگونىڭ ئەھۋالى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭىغا بولغان چۈشەنچەم يەنىمۇ ئاشتى. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە قەدىرلەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قوللايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىشنى، ئۆزئارا تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشنى، ئۇقۇشماسلىق ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى. كۆپ قۇتۇپلاشقان دەۋردە ئامېرىكا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، شى جىنپىڭ بىلەن ئوبامانىڭ پارىڭى تۈگىمىدى. ئىككىيلەن پىيادە يىنشۈن راۋىقىغا كېلىپ چاي ئىچىشتى.


شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىللىق تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇشى كېرەك، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنياغا پايدىلىق. بۇ جۇڭگو – ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىللە چىڭ تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش. ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئېنىق، بىز بۇنى ئۇقۇم ھالىتىدە قالدۇرماي ھەم دەسلەپكى قەدەمدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، جەزمەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

بىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ‹‹تاما – تاما كۆل بولۇر، تاش يىغىلسا تاغ بولۇر›› روھى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئوباما ئاخىرىدا: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىللە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ، دېدى.



خەتكۈچلەر:
14-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek