سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان MH370 قېتىملىق يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئىزدەش بۈگۈن 37-كۈنىگە قەدەم قويدى .بۈگۈن جەمئىي 12 ئايروپىلان ۋە 14 پاراخوت ئىزدەشكە قاتناشتى .بۈگۈن ئاۋسترالىيە بىنا قىلغان ئىزدەش رايونى جەنۇبقا تەخمىنەن 290 دېڭىز مىلى سۈرۈلدى .ئىزدەش دائىرىسى 57مىڭ 506كۋادرات كىلومېتىر بۇلۇپ ،تۈنۈگۈنكىدىن تەخمىنەن 16 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كۆپەيدى .ۋەزىپە رايونى مەركىزى پېرىسنىڭ شىمالىي قىسمىغا 2200كىلومېتىر كېلىدۇ ،شەرق ۋە غەرب ئىككى رايونغا بۆلۈنىدۇ .ئاۋسترالىيە بىلەن كۆپ دۆلەت پاراخوتلىرى شەرقىي رايوننى ،ئېلىمىز نىڭ بەش پاراخوتى غەربىي رايوندىكى 5000دېڭىز مېلىدىن كۆپرەك رايوننى ئىزدەشكە مەسئۇل بولدى .
بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جىڭگاڭشەن ،قۇرۇم تېغى ،خەيكو ناملىق پاراخوتلىرى غەربىي رايوننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىزدەش رايونىدا ،شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش 101 ۋە جەنۇبىي دېڭز قۇتقۇزۇش 115 ناملىق پاراخوت غەربىي شىمالىي قىسمىدا ئىزدىدى ،بۇنىڭدىن باشقا ئىككى پاراخوت يېڭى ۋەزىپە رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى .بۈگۈن ئېلىمىزنىڭ يەنە ئالتە تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىزدەشكە قاتناشتى . بۈگۈن سونارلىق لەيلىمە بەلگىنى ئىزدەش دائىرىسى ئىككى كۈن ئىلگىركى 600كۋادرات كىلومېتىردىن 340 كىلومېتىرغا قىسقارتىلدى ،ئاۋسترالىيە بىلەن ئەنگلىيە داۋاملىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سۇ ئاستى سىگنالنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ ،بىراق ئۆتكەن 24 سائەتتە ھېچقانداق ئاۋازلىق سىگنالنى تەكشۈرۈپ بايقىمىدى .بۇ تۆتىنچى ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن سىگنال بايقالمىغان تۆتىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved