جۇڭگونىڭ يەمەندىكى باش ئەلچىسى تيەن چى 6-ئاپرېل يەمەننىڭ پايتەختى سانادا مۇخبىرلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ھۆكۈمىتى يەمەندە چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئۆتىگەندە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش، دىپلوماتىيەدە خەلقنى كۆزدە تۇتۇش ئىدىيەسىنى، ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ھەمدە كەسكىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىستىلىنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ماسلىشىپ، ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى. تيەن چى مۇنداق دېدى: چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە مەركەزنىڭ قارارى كەسكىن ئىلمىي بولدى، بۇ ئەلچىخانىغا ئېنىق يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ چېكىنىش خىزمىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى نۇرغۇن تارماقلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلار ھەمدە نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە چېتىلىدۇ، مەركەزنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا بارلىق تارماقلار بىر سەھنىدە تېزدىن ھەرىكەتكە كەلگەچكە مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتۇق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved