ئوباما شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يازما مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەندە ھەمدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يازما مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتمەكتىمەن.

چۈنكى بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى پۇرسەت. ئۇ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئامېرىكا جۇڭگونى چەكلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. مۇقىم، گۈللەنگەن،تىنچ جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ.


ئوباما مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ سەۋىيىسىنى بۇنىڭدىن 35 يىلى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى . بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا قىسمەن مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ بار، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بۇ ئىش ئۈستىدە بىۋاسىتە ۋە سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى كۈتمەكتىمەن.

ئوباما مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ كونا مۇقامغا توۋلىماي ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى قارشىلىشىش تارىخىنىڭ كۆرۈلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەمدە ئۆتۈپ كەتكەن نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇردىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



خەتكۈچلەر:
12-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek