چېلسىي كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى توررىس ئەگەر بۇ يازدا كۇلۇبتىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگۈسى بار ئىكەن.
30 ياشلىق چېلسىي كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى توررىسنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە كۇلۇبتىن ئايرىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. تاشقى دۇنيادىكىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ يىل يازدا سىتاف كۆۋرۈكى ( چېلسىي كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىنىڭ نامى) دىن ئايرىلىپ قايتىدىن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قايتىشنىڭ توررىسنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ئىكەن.
بالۇنسىيا كۇلۇبىنىڭمۇ توررىسنى قوشۇۋالغۇسى بار بولۇپ بۇرۇنلا يەنى 2011-يىلى1-ئايدا مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدىن توررىسنى سېتىۋالغۇسى بار ئىكەن.
مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدا توررىس جەمئىي 142 قېتىم مەيدانغا چىققان ھەمدە 81 توپ كىرگۈزگەن. ئەكسچە چېلسىي كۇلۇبىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن توررىس 164 قېتىم مەيدانغا چىقىپ ئارانلا 43 توپ كىرگۈزگەن.مۇرىنھۇ ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسىدىن بەكمۇ ئۈمىىدسىزلەنگەن. شۇڭا مۇرىنھۇنىڭ بۇ يىل يازدا توررىسنى سېتىۋېتىش ئويى بار ئىكەن.
ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ توررىسقا بولغان قىزىقىشىمۇ سۇس ئەمەس.بىراق مادرىد رىقابەت كۇلۇبى توررىسنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى.ئۇ قايتىدىن كاردلون توپ مەيدانى ( مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى) غا قايتىپ دىياگو كوستا يەنە بىلىيا قاتارلىقلار بىلەن بىللە توپ تېپىشنى بەكمۇ خالايدۇ.
چېلسىي كۇلۇبى ھازىر مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى دىياگو كوستانى قوغلىشىۋاتىدۇ.تېخى ئىككى كۇلۇبنىڭ توپچى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپلەرمۇ مەۋجۇت. (توررىس بىلەن دىياگو كوستانى دېمەكچى) بۇنداق بولغاندا مۇرىنھومۇ ئۆز كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىغا ئېرىشەلەيدۇ.
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved