ئەنگىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ خامىد 27-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشتا ئەلچىخانىنىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قازا قىلغانلار ئىچىدە ئەنگلىيەلىك بىر ئامانلىقنى ساقلىغۇچى ۋە ئەلچىخانىنىڭ ئافغانىستانلىق خىزمەتچى خادىمى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا ئەنگلىيەلىك بىر ئامانلىقنى ساقلىغۇچسى ھۇجۇمدا يارىلاندى.
27-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، بىر ھۇجۇم قىلغۇچى پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئەنگلىيە دىپلوماتىنىڭ بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇپ، ئاز دېگەندە بەش كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى، 30 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئافغانىستان تالىبانى شۇ كۈنى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved