ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىشىچە جۇڭگۇ تەرەپنىڭ بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا ئېيتقان 1937-يىلىدىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرىگە قارىتا ياپونىيە ھۆكۈمىتى شۇ ئايدىلا جۇڭگۇ تەرەپتىن بۇ ئىشقا ئارىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە بۇ ئادەم سانىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىش ئىلگىرق جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانمىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 12-ئايدا دىپلوماتىۇە ۋاستىسى ئارقىلىق : « بۇ ياپونىيەنىڭ كۆز قارىشىغا ماس كەلمەيدۇ. ئېنىق ئۆلگەن ئادەم سانىنى بېكىتىش قىيىن. » دەپ بىلدۈرگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى ئارىلىشىشنى « ياپونىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە جۇڭگۇ تەرەپكە قارىتا چىقارغان نارازىلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ».
ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشى مۇنداق دېگەن : « مەيدانىدا ئېنىق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيتى بار، بىراق قارشى تۇرۇش بەك ئاسان بولۇپ كەتسە ياۋرو ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تارىختىن ئىبرەت ئالماسلىق تەسىرىن بىرىپ قويىدۇ».
ئەمەلىيەتتە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخقا قارىتا جۇڭگۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلغۇچىسى ئىلگىرى كۆپ قېتىم قايتا قايتا تەكىتلەپ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ياپونىيە مىلىتارىزىمىنىڭ جۇڭگۇغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى، ئىسپاتنىڭ تولۇق ھەم ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بۇ تارىخنى يوققا چىقىرىشنى، ئۆزگەرتىشنى ۋە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئاستا ئاستا ئۆچۈرۈشنى خىيال قىلىدۇ. بۇ خەلقئارلىق ئادىللىق ۋە ئىنسانىي ۋىجدانغا بولغان ئۇچۇق ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغانلىق. جۇڭگۇ تەرەپ جىددىي تۈردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلغان بۇ ئېچىنىشلىق تارىخى ھەققىدە ئويلىنىشىنى ۋە تارىختىن قېپقالغان بەزى مەسىلىلەرگە مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ھەمدە ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved