رۇسىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتقا ھاۋادىن زەربە بېرىشى داۋاملاشماقتا. رۇسىيە ئارمىيەسى يېقىندا يەنە رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي بازىسىغا كەڭ كۆلەملىك توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە باش ئىشتابى ھەرىكەت باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇتسكوي مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، رۇسىيە جەمئىي 311 قېتىم ھاۋادىن زەربە بېرىش ۋەزىپىسى تاماملاپ، سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ 1097 نىشانىنى ۋەيران قىلدى. رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋەزىپىسى ئاساسلىقى ھەلەپ، ئىدلىب، خاسېك قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، نېفىت ئايرىش پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرى، ھەربىي قورال-جابدۇقلىرى ۋە ھەربىي ئىقتىدارىغا زەربە بېرىشكە قارىتىلغان.
لۇتسكوي مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاجىزلىتىۋىتىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved