ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ياخشىكەن!

ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىراق ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ›› قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان يېڭى ئۆيلىرىمىز ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ‹‹ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ياخشىلىقىنى بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئىسپاتلاپ بەردى، مەن بۇ قۇرۇلۇشنى بەك ياخشى كۆردۈم، كېيىن ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەن مۇشۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولدۇق... 5-ئىيۇل خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىشنا يېزىسىنىڭ باش ئازغان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەتياسىن مامۇت مەمنۇنلۇق ئىلكىدە مۇخبىرغا يۇقىرقىلارنى بايان قىلدى.
مۇخبىر پىشنا يېزىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بىراق ‹‹ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئانچە -مۇنچە تام سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەندىن باشقا ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرگەن.
مەمەتياسىن مۇنداق دېدى: ‹‹ يەر تەۋرىگەندە مەن ئېتىزدا ئىشلەۋاتاتتىم، ئاپام، ئايالىم ۋە ئۈچ بالامنىڭ ھەممىسى ئۆيدە ئىدى، ئائىلىمىزدىكى كونا، يېڭى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئادەم تۇراتتى. يەر تەۋرىگەندە ئۇلار كونا ئۆيدە يوق بولغاچقا، بۇ قېتىمى بالا-قازادىن ئامان قالدى، بىراق كونا ئۆيلەر ئېغىر ۋەيران بولدى، بۇنىڭدىن شۇنى بىلدىمكى، يەنىلا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ھاياتى بىخەتەرلىكىمىز يەر تەۋرەشتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى››.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىي كۆرۈلدى. 2014-يىلى 2-ئايغا قەدەر شىنجاڭدا 5.0 بالدىن يۇقىرى جەمئىي 50 قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان ئۆيلەر يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى گۇما ناھىيەسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 5500 ئائىلىك ئۆي سېلىشنى پىلانلاپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ 101 مىليون 750 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىگە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم مەبلىغىدىن 55 مىليون يۈەنگە ئېرىشكەن بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىلىككە ئوتتۇرىچە 28 مىڭ 500 يۈەندىن توغرا كەلگەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %97 گە يەتكەن. بۇ يىل 4-ئايدا بۇ ناھىيەنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 12 مىليون مەبلىغى نەقلىشىپ، 3643 ئائىلىلىك قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %60.72 گە يەتكەن.



خەتكۈچلەر:
06-07-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
25-04-2016
    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، لوندون يەرشارىدىكى م...
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
Powered by Leglek