توي قىلىش ناھايىتى ياخشى بىر ئىش، كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەر بۇ ئىشنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىدۇ ھەمدە داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ توي-مۇراسىم ئادىتى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس بىر مەنزىرە بەلبېغىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمما ھېچكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، ھىندىستاننىڭ توي-مۇراسىمىدا مۇنداق بىر ئەنئەنە بار، ئۇ بولسىمۇ كېلىنچەكنى ئوتتا كۆيدۈرۈش. ئاڭلىسىلا ئادەمنى قورقۇنۇچ باسىدۇ، بۇ جايدا قانداق قىلىپ بۇنداق ئادەت شەكىللىنىپ قالغاندۇ؟
بىخارى رايونىدا ئەرلەر توي قىلغان ۋاقىتتا تەلەپ قىلىدىغان تويلۇق بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كەتكەن بولغاچقا، كۆپلىگەن ھىندىستانلىق نامرات ئاتا-ئانىلار بۇ زور سوممىلىق تويلۇق پۇلنى راسلىيالماي، مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان قىزىنىڭ كۆز ئالدىدا توي قىلالماي تۇرۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلانماقتا. ھەتتا بىر قىسىم ھىندىستانلىق كېلىنچەكلەرنىڭ دادىسى ياكى ئاكىسى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، بىر قىسىم قارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنسۇرلىرىنى ئوغرىلىقچە ياللاپ، بىر قىسىم بويتاق ئەرلەرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، تاياق-توقماق بىلەن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن ئەنئەنىۋى ھىندىستانچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.
ھىندىستاننىڭ بىخارى رايونىدا ئەگەر سىز توي قىلمىغان ياش بويتاق بولسىڭىز، ئۇنداقتا كېچىسى يالغۇز سىرتقا چىقسىڭىز بىر مەيدان «خەتەر»گە تەۋەككۇل قىلغان بولىسىز.
بىخارى رايونىدىكى ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاندىكى ئەر تەرەپنىڭ توي قىلغان ۋاقىتتا تەلەپ قىلىدىغان تويلۇق مېلىنىڭ باھاسى بارغانسېرى ئۆرلىگەن بولغاچقا، بىر قىسىم نامرات ھىندىستانلىق ئاتا-ئانىلار بۇ زور سوممىلىق تويلۇقنى راسلىيالماي، كەسكىن ھالدا يەرلىك قارا جەمئىيەت ئۇنسۇرلىرى بىلەن «ھەمكارلىشىپ»، پۇل خەجلەپ قاراقچىلارنى ياللاپ كۆزلەپ قويغان بويتاق يىگىتنى تۇتقۇپ قىلىپ قىزىغا ئەر قىلىپ بەرگەن.
بۈگۈنكى كۈندە، كەچ كىرسىلا بۇ «كۈيئوغۇل كۆتۈرە ئالغۇچى» دەپ ئاتالغان ھىندىستانلىق قاراقچىلار تەپ تارتماستىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلاپ، ھەممە ياقتىن قول سېلىش نىشانى ئىزدەيدۇ.
بىخارى رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بىخارى رايونىدىكى گايا شەھىرى، دابانخا ۋە پۇنىيا رايونىدا ھەريىلى زور تۈركۈمدىكى بويتاق ئەرلەر تۇتقۇن قىلىنىدىكەن.
بۇ تۇتقۇن قىلىنغان كۈيئوغۇللار بىرقانچە كۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇرۇپ پۈتۈن بەدىنى يارا قىلىۋېتىلىدۇ، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەرلەر ئۆزى ئازراقمۇ تونۇمايدىغان قىز بىلەن ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، بۇ خىل توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھامان، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى رەسمىي ئەر-خوتۇن دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.
سۇخاش كۇمار بىخارىنىڭ مەركىزى پاتنادىكى بىر بانكا خادىمى، بۇ يىگىت بىر ئىقتىساس ئىگىسى. ئەمما بىر كۈنى كەچتە، ئۇ ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىپ تۇيۇقسىز قارا جەمئىيەتتىكىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. ئۇ بىر قاراڭغۇ ئۆيدىكى كارىۋاتقا قاماپ قويۇلدى، ئۇدا نەچچە كۈن ئاچ قالدى، ئۇ ھەر قېتىم تۇتقۇن قىلغۇچىلاردىن ئۆزىنى قويۇۋېتىشنى ئۆتۈنگەن ۋاقىتتا قاتتىق تاياق يېدى. كېيىن، ئۇ بىر ئائىلىگە ئېلىپ كېلىندى، ئەمما يەنىلا داۋاملىق تاياق يېدى، كېيىن ئۇ ئۆزىنى ئۇرغانلارنىڭ ئىچىدە كەلگۈسىدىكى «قېيىن ئاتىسى» ۋە «كىچىك تاغىسى»نىڭمۇ بارلىقىنى بىلدى. بەزى ۋاقىتتا ئۆيدىكى ئاياللارمۇ سۈپۈرگە ۋە ساپما كەشلەرنى ئېلىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە بىر ھازا ئۇردى.
تۆت كۈندىن كېيىن قولى باغلانغان كۇمار تاياق-توقماقنىڭ ھەيۋىسى ئاستىدا قەتئىي تونۇمايدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلدى. گەرچە توي مۇراسىمى بولسىمۇ، كۇمارنىڭ قولى ئىزچىل ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويۇلۇپ، ئۇنىڭ توي مۇراسىمىدا قېچىپ كېتىپ، كېلىنچەكنىڭ يۈزىنى تۆكۈشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.
ئاشۇ دوزاققا ئوخشاش قاراڭغۇ كۈنلەردە كۇمار دائىم مۇشۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئويلىدى، گەرچە تونۇمايدىغان قىزنى نىكاھىغا ئالغان بولسىمۇ ئۇ قىلچە پەرۋا قىلمىدى. توي كۈنىنىڭ ئەتىسى، چىرايىدىن غەزەب چىقىپ تۇرىدىغان كۇمار كېلىنچەكنى ئۆيىگە ئاپاردى، قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇ كىچىك تاغىسى قاتارلىقلاردىن ئۆچ ئېلىشقا قەسەم قىلدى.
ھالبۇكى، بىخارىدىكى تۈمەنلىگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈيئوغۇللارغا ئوخشاش، كۇمارمۇ ھەرۋاقىت قارا جەمئىيەتتىكى قاراقچىلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ يۈردى. ئۇ قاراقچىلارنىڭ يەنە پاراكەندىچىلىك تېپىپ بېرىشىنى خالىمىغاچقا «تەقدىرگە تەن بەردى». ئاخىرىدا ئۇ ئۈنسىز ھالدا بۇ مەجبۇرلانغان نىكاھنى قوبۇل قىلدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بويتاقلىرى ناھايىتى ئاسانلا قاراقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان، ھۆكۈمەتنىڭ ياللانما خادىملىرىمۇ ناھايىتى بازارلىق ئىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى دوختۇر، سودىگەر ۋە شىركەت دىرېكتورى ئىكەن.
گەرچە توي قىلغان ۋاقىتتا تويلۇق تەلەپ قىلىش ھىندىستان قانۇنىدا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بىخارىدىكى زور سوممىلىق تويلۇق تەلەپ قىلىش بىر ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا كېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىسى دائىم يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يىگىتنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى بېرىشى كېرەك. قىز ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن، يولدىشى ۋە يولدىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۈندىلىك بۇيۇم، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئۈنچە-مەرۋايىت قاتارلىق تويلۇق ماللارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
ئەگەر كېلىنچەك يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ خورلۇققا ئۇچرايدۇ، بەزىدە ھەتتا مەجبۇرىي ھالدا ئۈستىگە كۆيۈشچان موم سۈركەلگەن سۈنئىي تالالىق سارى ئارتىلىپ، ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، ھىندىستاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېلىنچەكنى كۆيدۈرۈۋېتىش ۋەقەسى دائىم يۈز بەرگەن بولغاچقا، تويلۇق تەلەپ قىلىدىغان يامان ئادەتكە قارشى تۇرغۇچى رادىكال كىشىلەر ھۆكۈمەتتىن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.
تۈزىتىلگەن ھىندىستان قانۇنىدا «كېلىن ئەگەر 7 يىل ئىچىدە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلسە، تەبىئىي ئۆلۈم ئەمەس دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ يولدىشى ۋە قېيىئاتا-قېينئانىلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، ھىندىستاندا كەمىدە 12612 قېتىم تويلۇق سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى بىخارى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شىمال تەرەپلەردە يۈز بەرگەن.
ھالبۇكى، تويلۇق تەلەپ قىلىدىغان يامان ئادەتكە قارشى تۇرغۇچىلار ۋە بىرقىسىم غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىي ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ ئىكەن، ئۇلار ھىندىستاندا ھەر 10 مىنۇتتا بىر كېلىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى.
قارا جەمئىيەتتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈيئوغۇل بۇلاش، كۆڭلىگە ياقمىغان كېلىننى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ھىندىستاننىڭ بۇ ئۆرپ-ئادىتى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش بولۇپ، كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ. ھەممە ئادەم ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ ئورنى تۆۋەن دېيىشىدۇ، ئەمما تىرىك كۆيدۈرۈلۈشكە دۇچار بولۇشتەك ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئۇلار بىر ھاياتلىققۇ! ھىندىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved