خۇسۇسىي ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، ئادەتتىكى خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە نىسبەتەن، بۇنىڭدىكى ئەڭ بىۋاسىتە پايدىلىق تەرەپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى ئازايتقىلى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تۆلەشكە بولىدۇ.شىنجاڭ تورى ئۇچۇرى (مۇخبىر جاڭ لى): ھازىردىن باشلاپ 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھىرىمىزدىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا تەدرىجىي ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، ھازىر ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك يول ئىگىلەيدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى رەسمىيىتىنى بېجىرىش توختىتىلدى.
8- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھىرىمىز «ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ مۇلازىمەت، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تارقاتقان، لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ھازىر بار بولغان ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش بايلىقىنى بېرىكتۈرۈپ، ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، شەھىرىمىز «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، شەھەر دەرىجىلىكلەر بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش» پرىنسىپىغا ئاساسەن، ۋاقىتلىق يول ئىگىلەپ تۇرغان 297 ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە ئالتە ئىسترىئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى (جۇڭشەن يولى، شىنشىڭ كوچىسى شەرقىي 1- تار كوچىسى، غەربىي سەككىز تۈتۈن يولى، جەنۇبىي كۆل مەيدانى، چيەنتاڭجياڭ يولى، جەنۇبىي كۆل شەرقىي يولىدىكى ئىسترىئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتلىرى) نى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى دېيىلىدۇ) نىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. تاپشۇرۇپ بېرىش مەزگىلىدە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ۋە پىيادىلەر يولىنى ئىگىلىۋالغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلىدۇ، ھەمدە قاتناشقا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان، ۋاقىتلىق يول ئىگىلىۋالغان بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مۇلازىمەت، باشقۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەر قايسى رايون (ناھىيە) لۇق ھۆكۈمەت، شەھەر باشقۇرۇش، تەرەققىيات- ئىسلاھات، مالىيە، پىلانلاش، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش ساقچى، شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، باشقۇرۇش مەسىلىسىنى بىرلىكتە ماسلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلان كەمچىل بولغاچقا ھەمدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئېشىۋاتقان بولغاچقا، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، قالايمىقان توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىققان، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى باھالاشتىمۇ بىر قىسىم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ پىلانى مۇۋاپىق بولماسلىق، ھەق ئېلىش ئەھۋالى ئاشكارا بولماسلىق قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
نۆۋەتتە، شەھىرىمىز ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك يول ئىگىلەيدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى توختاتتى، 12- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ توختام ئىمزالاش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن ئىلگىرى بارلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، 2016- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تاماملانغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى باھالىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ۋاقىتلىق يول ئىگىلىۋالغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا توختام ئىمزالانمايدۇ، قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ.
«بىر تۇتاش باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شەھىرىمىز ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرىدۇ، ۋاقىتلىق يول ئىگىلىۋالغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى (ئىسكىلاتلىرى) ۋە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەن قوشۇمچە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى بىر تۇتاش ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قىزىلتاغ جەمكارتىسى، يانفون ئەپ دېتالى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تۆلىيەلەيدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىش تېخىمۇ قولاي، راۋان بولىدۇ.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved