جوڭگۇ تورى 12 - ئاينىڭ 1 -كۈنى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، بىرازىلىيە “ مۇقەددەس پاۋلو گېزىتى “ تورى 29 - نويابىر خەۋىرىگە قارىغاندا مىسر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەزا ئالماشتۇرۇش سودا مەركىزىي بازىرىغا ئايلانغان . جەمئىيەت ئادىلسىزلىققا تولۇش بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن سىرىت يەنە مۇقىم بولمىغان سىياسىي سەھنە زور دەرىجىدە بۇ ئەرەب دۆلىتنىڭ قانۇنىي يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، قانۇسىز ھەركەتلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ .
يەرشارى پۇل مۇئامىلە سەمىمىي ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، يەرشارىدا ھەر يىلى ئەزا ئالماشتۇرۇش سودا سوممىسى 500 مىليون ياۋرودىن 1 مىليارت ياۋروغىچە ئىكەن .مىسر بولسا ئەڭ ئاساسلىق ئەزا تەقدىم قىلغۇچ دۆلەتنىڭ بىرسى ئىكەن . بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان جەمئىيەت پائالىيەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە : “ مىسرنىڭ قانۇننىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەزا سېتىشقا قارشى تۇرىدۇ ، لېكىن بۇ قانۇن پۈتۈن دۆلەتتە تېخى رەسمىي ئەمەلىيلەشمىدى . مىسردىكى 90٪ ئارتۇق ئەزا يۆتكەش سودا كىلىشىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ “.
ئەزھەر ئۇنىۋېرسال مېدىتسىنا دوكتۇرى ئابدۇل . غېنى بۇنىڭ قوشلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : “ مىسردىكى كۆپلىگەن ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قانۇنسىز ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدا بىمار بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق .
نەچچە يىل خەلق چوقانلىرى ۋە بېسىملىرى ئاستىدا مىسىر پارلامېنتى 2010 - يىل بىر تۈرلۈك قانۇنىي تۈزۈپ چىقىتى . بۇ قانۇندا ۋاپات بولغانلارنىڭ ئەزاسىنى يۆتكەش قانۇنلىق ھەركەت دەپ كۆرستىلدى . يېڭى قانۇننىڭ يولغا قويۇلىشى نۇرغۇن جەمئىيەت شۇناسلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ، ئۇلار بۇ قانۇننىڭ ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى تەنقىدلىدىى . بۇ يەنە چىرىكلەشكەن ئەزا سودىسى ئۈچۈن يىشىل چىراغ يېقىپ بەردى .
لېكىن 2013 - يىلى 7 - ئايدا سابىق زۇڭتۇڭ مۇخەمەت . مورىس سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن بىرى بۇ ئەھۋال زور دەرىجىدە ئازايدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved