مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى يېقىندا پاكىستان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى مۇنداق دېدى: يېقىندا پاكىستاننىڭ سۇ ئېلېكتىر مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك توك يەتكۈزۈش شىركىتى «مەتىيارى- لاھور ۋە مەتىيارى، قاسىم پورتى-فايسالئاباد توك يەتكۈزۈش تىرانسفورماتور ھەمكارلىق تۈرى كېلىشىمى» ئىمزالىدى. بۇ پاكىستان تۇنجى قېتىم چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېچىۋەتكەن توك يەتكۈزۈش تىرانسفورماتور تۈرى.
ھازىر بۇ تۈر جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بايلىقى ھەمكارلىقىنى ئالدىن يولغا قويۇش تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئالدىنقى باسقۇچتا مەتىيارى-لاھور توك يەتكۈزۈش تراسفورماتور قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدۇ، يۇقىرى بېسىملىك تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى 900 كىلومېتىر، توك يەتكۈزۈش سىغىمچانلىقى 4 مىليون كىلوۋات كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالىنىشى دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىساد كارىدور ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى تېخنىكىسى ۋە ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved