ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 5-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش قىلالماسلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئوباما ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراننى تىنچلىق ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامدايدىغان رامكا خاراكتېرلىك لايىھە بىلەن تەمىنلىدى، سۆھبەتكە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ 24-نويابىردىكى ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش قىلالماسلىقى كەلگۈسى ئۈچ تۆت ھەپتە ئىچىدە ئايان بولىدۇ.
ئوباما مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيانقى بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك ھەمدە خېلى كۆپ قىسىم ئىرانلىق سىياسىيونلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىدا بولۇشى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا توسالغۇ بولماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved