رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى تارتتى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا كورېەدە زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە كورېيە جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 3-، 4-كۈنلىرى كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان كورېيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، بۇ كورېيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى.


رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشى كورېيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى دەپ قارالدى. كورېيە-جۇڭگو رەھبەرلىرى يېقىندا باشلىقلار سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتگە ئىنتايىن ئىجابىي بولغان تۈرتكىلىك كۈچ قوشىدۇ ھەمدە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. كورېيە تاراتقۇلىرى ۋە جەمئىيىتىدىمۇ جۇڭگوغا بولغان قىزغىنلىق پەيدا بولدى.


1992-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كىيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن كورېيە مۇناسىۋىتى تارىخىتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پاك گونھى بىلەن كۆپلىگەن سورۇنلاردا تۆت قېتىم كۆرۈشتى، ئىككى قېتىم تېلېفونلاشتى. جۇڭگو بىلەن كورېيە بىر-بىرنى مۇھىم ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 274 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. جۇڭگو كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە، ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىغا، ئەڭ چوڭ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلىتى، چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلاندى. كورېيە جۇڭگونىڭ 3-چوڭ سودا شېرىكى، 5-چوڭ تاشقى مەبلەغ دۆلىتى. ئىككى دۆلەت-ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەردە ساياھەت قىلىدىغان نىشانلىق دۆلىتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۆز ئارا ساياھەتتە بولغانلارنىڭ سانى 8 مىليون 220 مىڭ كىشىگە يەتتى. كورېيەنىڭ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 62 مىڭغا يەتتى. جۇڭگونىڭ كورېيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 65 مىڭغا يېتىپ، كورېيەنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى.


ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئارا قوللاشقانلىقتىن، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ نىيىتى بىرلەشتى.
مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شېركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، زۇڭتۇڭ پاك گونھى جۇڭگو تەرەپتىن كۆپ قېتىم ھال سوراپ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ بىرلىكتە ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. كورېيە يولۇچىلار پاراخوتى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ پاك گونھىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى ھەمدە كورېيەنى قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى.


نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن كورېيە مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە كورېيە بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


جۇڭگو بىلەن كورېيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى ۋە مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي ئىدىيىسىنى بېكىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشتا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان شېرىكلەرگە، تىنچلىقنى قوغدايدىغان شېرىكلەرگە، ئاسىيانى گۈللەندۈرىدىغان شېرىكلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئەھمىيىتى چوڭقۇر.


بىز، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز.



خەتكۈچلەر:
30-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek