خەلق تورى لوندون 25-مارت تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئاسمان خەۋىرى يېقىندا ئاشكارلىغان بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئەنگلىيە NHS خەلق ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ مىلاد بايرىمىدىن ئىبارەت مۇھىم بايرام كۈنلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇشتا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان دوختۇرلارغا بېرىدىغان مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈنلۈكى 3258 فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 30 مىڭ 154 يۈەن خەلق پۇلى ) غا يېتىدىكەن.
سانلىق مەلۇمەتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى تۆت دوختۇرخانا بايرام كۈنلىرى نۆۋەتچىلىق قىلغان دوختۇرلارغا 2000 فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق مائاش بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر دوختۇرخانا 24 سائەت ئىشلىگەنلەر ئۈچۈن 3258 فوندىستېرلىڭ مائاش بەرگەن. ئۈچ دوختۇرخانا نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان سېستىرالار ئۈچۈن 1700 فوندىستېرلىڭ مائاش بەرگەن.
ئىگىلىنىشچە، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان دوختۇرلار ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق ئشىلەپ بەرگۈچى دوختۇر تېپىش ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ پۇل خەجلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved