ئاپتورى :تەپەككۇر
ئەي نۇرلۇق كۆزلەر،سۆزلىگۈچى كۆزلەر
مەھەللىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن بولسۇن،ياكى ھاۋا سۈپىتى،مەنزىرە جەھەتتىن بولسۇن ھەممىسى ماڭا نىسبەتەن،شۇنچىلىك يارايتى.شىمال تەرىپى كەڭرى سوزۇلۇپ ياتقان قومال تاغ باغرى ،بولۇپ ئۇ تاغنىڭ ئالدىدا سۇ ئامبىرى،شەرىق ۋە غەرىب تەرىپى كەڭرى كەتكەن سايلىق جەنۇب تەرىپى بولسا بىزدىن 25 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى قەدىمى ئەزىزانە شەھەر ئىدى.تەڭرى شۇنچە كەڭرى كەتكەن سايلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا،جەننەت پارچىللىرىدىن بىر زەررىچىنى نازىل قىلغاندەك ياپيىشىل،بىر - بىرىگە زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئانار،ئۈزۈم،ئەنجۈر،ئۆرۈك،چىلان،گىلاس،ئالوي،شاپتۇل،توغاچ،ئالىگىرات،تاۋۇز،قوغۇن،بۆلجۈرگەن ...قاتارلىق مىۋە ھەم كۆكتاتلىق باغلار ئۆي ئىگىللىرىنىڭ ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇشتىن سىرىت،يەنە خوشنا خۇلۇملارغىمۇ كەڭ كۇشادە يىتەتتى.قاتار ئۆيلەر ئالدىدىكى يول بويىغا ،
بىر خىل قىلىپ ياسالغان ئۈزۈم باراڭلىرى،ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە يولۇچىلار ۋە مەھەللىدىكىلەرگە سايە بەرسە،بەرىكەتلىك كۈز ئايلىرىدا يەنە ئوخشاشلا يولدىن ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە ،ئاپتاپتا قېنىپ،ساغىرىپ پىشقان شىرىن ئۈزۈملەرنى تەغدىم ئىتەتتى.
بىز بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ بالىللىرىنىڭ تاتلىق ھاياتى غەرىبتىن شەرىققە قاراپ مەۋىج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان،چاقماق دەريا ۋادىسىنىڭ باغرىدىكى ،ئابى،زەم -زەم ئەركەك سۇلارغا چۈمۈلۈپ،ئىچىپ ئۆتكەن.شۇنىڭدەك بىزدىن ئىلگىرى بۇ مۇنبەت تۇپىراقلارنى،خىلمۇ خىل،مىۋە ،گۈل چىچەكلەرگە تولغان باغلارنى بەرپا قىلغان،ئەجدادلىرىمىز،بوۋىللىرىمىزنىڭمۇ تاتىلىق بالىلىقلىرى،ياشلىقلىرىدا ئېتىزلىققا ئۈنگەن يۇمىران كۆك (بىدە كۆكى)تەرگىلى كەلگەن قىزلارغا چالما ئاتقانلىرى،پادىلارغا ئۆت-چۆپ ئورغىلى ئېتىزغا چىقىپ،كەچكى شەپەق نۇرىنى،يۈرەكلەرنى زىللىقىدىن پارە قىلىدىغان،ناخشىللىرى بىلەن يېرىپ ماڭىدىغان ،ئىشچان سەھرا قىزلىرىنىڭ بۇلبۇل ئاۋازلىرى ،سەھەردە ئەرلىرىگە چايلىرىنى بىرىپ،بامداتقا يولغا سالىدىغان،ئەلمەھەللە كۆرمەستە دەپ ،ھويلا ئارام،مەھەللە ئىشىك ئالدىللىرىنى،پاكىزە سىيرىپ-سۈپىرىپ جامائەت يانغۇچە،چىنىدەك پاكىز قىلىپ بولىدىغان ئشچان ئاياللارنىڭ سۈپۈرگە ،سۇ سەپكەندىكى گارشۇكنىڭ تورڭشىپ،چىلەكلەرگە ئۇرۇلغان ئاۋازى،بۇ مەھەللىدە قالغان.
مەھەللىمىزنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى،كۈن كۆتۈرۈلۈپ ھاۋا ئىللىغاندا،ئشىك-ئىشكلەردىن چىقىپ ،مەھەللە ئالدىدىكى باراڭ تېگىدە،ياسىلىپ قويغان،ئورۇندۇقلارغا يۆلەنگىنىچە،تەسبىھنى قولىدىن چۈشۈرمەي،سىيرىپ قانداقتۇر بىر خىل رەۋىشتىكى زىكىرلەرنى ئوقۇپ يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ سالىمغا سالام قايتۇرۇپ،ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ تۇردىغان بوۋايلار ئىدى ،يارشىملىق ئاپئاق ساقاللىىرىنى كىچىك تارغاقلىرىدا توختىماي تاراپ قويىدىغان، ئاپئاق خەسلەردىن كەڭ-كۇشادە كىيىم كىيىپ،تاشكەن دوپپا كەيگەن،يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدغان بۇ كىشىلەر ماڭا خۇددى،خىزىردەك پاك تۇيغۇ بىرەتتى.ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوينىغان چېغىمدا ئۆزۈمنى بەك كىچكتەك،ئۇلار يېنىمدا بولسىلاھىچقانداق كۆڭۈلسىزلىك مەندىن نېرىدەك ھىس قىلىمەن.
ئەنە شۇ ئاقساقاللارنىڭ ئىچىدە،ياغاچتىن ھەرخىل ھۆنەر سەنئەت بويىمى،قوشۇق،شۈمەك،...دىگەندەك كىرەكلىك تۇرمۇش بويىملىرىنى ياساپ مەھەللىدىكى،ئىھتىياجلىقلارغا ،سوراپ كىلىدىغانلارغا بىرىدىغان ياسىن بوۋام.
ئۆيىنىڭ ئارقىسى بىھىلىك بىلەن تولغان، مۇراببا قىلىدىغانلارغا باغنىڭ ئاچقۇچىنى بىرىپ ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈپ قۇرۇتقان،قاپاقلىرىغا ،ئۇيغۇر نەققاشلىق سەنئىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى سانالغان،ھۆسنىخەت،نەقىشلىرىنى ئىنتايىن پاراسەت بىلەن،رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سىزىپ،ئويۇپ چىقىدىغان مۆمىن تاغام.
ئەليۇرتنىڭ توي تۆكۈن،نەزىر چىراق ئىشلىرى،ماجىرا،مىراس،قان قېرىنداشلار ئارسىدىكى ئاداۋەت،يۇرتداشلار ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۆز لايىقىدا بىجىرىپ بىرىدىغان ماڭا خۇددى گىنىراللاردەك،ياكى ھەممىنى رام قىلغۇچى ناتىقلاردەك تەسىر بىرىدىغان يۇرت بېشى ئابدۇلجەلىل چوڭدادام ...قاتارلىق ئاجايىپ قالتىس بوۋىللىرىمىز بار.ئۇلار ھەممىسى بىزگە ئامراق،بىزمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەركىلەپ بارساق قايسى ،توي تۆكۈن،ۋە نەزىرلەردىن ئېلىۋالغان تۈگۈنچەكلەردىكى،ئالما،ئامۇت،كەمپۈت،گۆش ...دىگەندەك نەرسىلەرنى بىرىپ تۇراتتى.ۋە بىزنى ئويناشقا بۇيرۇپ قويۇپ باشقا بوۋىلار بىلەن ،قايسى بىر تاغا بىلەن ھاممىنىڭ نىكاھتا ئەپلىشەلمىگىنىنى،يۇقۇرى مەھەللىدىكى ئاكا ئۇكىلارنىڭ مىراس دەۋاسىنى قانداق قىلىشنى،دىگەندەك بىز چۈشەنمەيدىغان بىرمۇنچە سۆزلەردە گەپلىشەتتى.
مەھەللىمىزنىڭ ،ئۈچ ئاچاللىق دوقمۇشىدا بەش-ئالتە دۇكان بولۇپ،دۇكانلاردا كىچىك بالىلارغا لازىملىق ئۇششاق تاۋارلار،تۇرمۇش بويۇملىرى بار ئىدى.
بىكار قالغان ۋاقىتلىرىدا مەھەللىدىكى بەش-ئون ئادەم مۇشۇ((پۇشايمەن دوقمۇشى)) دەپ ئاتىلىدىغان دوقمۇشقا يىغىلىپ،ئەتىگەندىن كەشكىچە قارت،يەرگە سىزىپ ئۈستىگە تاشلارنى قويۇپ ئوينايدىغان،بۆرە قاتار،18قاتار ...دىگەن ھەرخىل ئاتلىق ئويۇنلار بىلەن ئىچ پۇشىقىنى چىقىراتتى.
ئەنە شۇ دوقمۇشتىكى دۇكانلارنىڭ يېنىغا تۆكۈلۈپ قويۇلغان،شېغىل تاشلار ئۈستىدە يانپاشلاپ قىشمۇ ياز،چۈشۈرمەي كىيىۋالىدىغان،ھەربى جۇۋا،ھەربى قۇلاقچىلىق چىرايى پۈرلۈشۈپ،قارىداپ چار ساقال،قاپلاپ كەتكەن بۇ كىشىنى،مەھەللىدىكىلەر سەلەي دەپ ئاتايدۇ.ئۇ يا ئاقساقاللىق بوۋايلارغا،ياكى دوقمۇشتىكىلەرگە ئارلاشماي كۈن بوتى،بىر نوقتىغا تىكىلىپ ياتقىنى ياتقان.
ھەممە ئادەم ئۇنى ھورۇن،ئەبلەخ دەپ قارايدۇ.بىراق بىز بىر توپ بالىلارغا نىسبەتەن ئۇ،تولىمۇ سۆيۈملۈك،ئۇ بىزگە ناخشا ئوقۇشنى ئۈگۈتىدۇ.ئۇ ئوقۇغان ناخشا مانا مەن دىگەن ئادەملەرنىڭكىدىنمۇ مۇڭلۇق ئاڭلىنىدۇ.
يەنە ئۇ ئۇستا بىر رەسسام،ھەممە ئادەم قەغەزگە سىزسا بىزنىڭ سەلەي تاغىمىز يەرگە شۇنچىلىك ئوخشىتىپ سىزىدۇ.ئۇ چوڭ كىشىلەرگە ئارلاشمىغىنى بىلەن بىزدەك كىچىك بالىلار بىلەن بەك چىقىشىپ ئارىمىزغا كىرىپ ئوينىشىپ بىرەتتى.زېرىككەندە بولسا بىزگە ھىكايە ئېيتىپ،ناخشا ئوقۇپ،رەسىم سىزىپ بىرەتتى.
ئۇ يەنە مىنىڭ نەزىرىمدە ھىچكىشىگە ئوخشىمايدىغان خاراكتىردىكى قالتىس ئادەم. ھەممە ئادەم يولدا ماڭسا ئۇ قولىدىكى تەڭشەك تايىقى بىلەن ئېرىقنىڭ لىۋىدە ماڭىدۇ.يا ئېرىققا يا يولغا چىقىپ،چۈشۈپ كەتمەيدۇ.ھېلىقى تايىقى بولسا ئۇنىڭغا قىشمۇ ياز ھەمراھ بولىدىغان دوستى.ئۇنىڭ خىسلەتلىك تايىقى گاھ بىزگە رەسىم سىزىپ بەرسە،گاھ بىزگە غورۇلارنى قېقىپ بىرەتتى.گاھى ئۇنىڭغا تەڭشەك بولسا ،بەزىدە يول باشلىغۇچىمۇ بولالايتى.
ئۇ ھەر دائىم يول ماڭغىنىدا ئالدىغا بىر ئاچال،دوقمۇش كەپ قالسا،خسلەتلىك تايىقىنى يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسقغا تىكلەيتى دە-قويۇپ بىرەتتى،تاياق يولنىڭ قايسى تەرىپىگە يىقىلسا ئۇ شۇ تامان جۆنەيتى. دائىم بىز ئۇنىڭغا : سەلەي تاغا سەئەت نەچچەۋولدې؟
دەپ سورىساق ئۇ ئېرىنمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپلا ،كۈن نۇرى چۈشىدىغان يەرگە تايىقىنى تىكلەيتى دە،تاياقنى سايىسىنىڭ ئۇچىغا بىر بەلگە قوياتتى،ئاندىن شۇ بەلگىگىچە بولغان ئارلىقنى تايىقى بىلەن ئۆلچەپ جاۋاب بىرەتتى.ھەمىمىزنى ھەيران قالدۇردىغىنى ئۇنىڭ جاۋابى توپتوغرا چىقاتتى.
بۇنداق دىسەم ئۇنى ساراڭ دەپ قالماڭلار! ئۇ ساق،ھەتتا بىزنىڭ مەھەللىدىكى ساقلاردىن ساق! ئۇنىڭ بىزگە دەپ بەرمىگەن،ئېچىلمىغان سىرلىرى بار. ئۇنىڭ كۆزىدەك نۇرلۇق كۆزنى كۆرمىدىم.بايا دىگىنىمدەك ئۇنىڭ ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاجايىپ بىر ھىكايە بار... ئەمما كىشىلەر ئۇنى ساراڭ دەپ ئاتايدۇ،ئۇنىڭ كۆزىدە بىر دۇنيا نامايەن،ئاجايىپ چىن ،نازۇك،بەلكى ئۇ پەرھاد،ياكى مەجنۇن
ئۇ توغرىلىق ،ۋە مەھەللىمىز توغرىلۇق خېلى كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇڭلار.ئەمدە ھىكايىمىزنى مۇشۇ مۇشۇ موھىتقا كۆرە باشلاپ كىتىمىز.كىيىنكى قىسىمىدا كۆرشەيلى
سەمىمى ئەسكەرتىش:خىزمەت ئالدىراشلىق،ۋاقىت زىچلىقى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا يوللىيالماي قېلىشىم ،ھەمدە تىلفۇندا بىۋاستە يېزىپلا يوللىغىنىم ئۈچۈن،قىسمەن خاتالىقلاردىن خالى بولالماسلىقىم مومكىن،توغرا چۈشۈنۈشۇڭلارنى ھەمدە پىكىر تەكلىپ،ياكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسىڭز ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ 1666593261
تەپەككۇر
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved