ئابدۇقادىرداموللام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىداتۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىلىم–پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچ–قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە ئىلىم –پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ، «ئاممىغا نەسىھەت»، «زۆرۈرئەقىدىلەر»، «گۆدەكلەرگە تەلىم»، «ھەقىقەت جەۋھىرى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»، «ئىلمىي ھېساپ» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .
يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى
سوغۇق راسائەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش–كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن، ئۆسۈپ – چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگەچۈشكەن، يېلىڭ–يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردەتۈنەيتتى .
كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە–چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ،يۈرەك–باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردەھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ؟ يۈرۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي!_دەپ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ. ئاندىن تاماق تەييارلاپ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .
ئاممىغا نەسىھەت
بىر مۇنچە تالىپبالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى. ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ:<ماڭا بىرنى!>، <ماڭا بىرنى!>دىيىشىپ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇدانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى: < …………بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر، سۇسلۇق-بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا خەلقلەر ئىلىم–مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە. بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ_ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇتەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ……….> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <نەسىھەتىئامما> (ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <نەسىھەتى> گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى. ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

ئالىمنىڭ ئۆلۈمى
1924-يىلىنىڭ يەر-جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىرداموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى. توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى–دە ، داموللام: <كىم؟> دېگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال-ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى. داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى. ۋەتەن–مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ، ئاستا–ئاستا سوقۇشتىن توختىدى! ………
بۇ_چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر–يېزىلارغاپۇر كەتتى. قەشقەردىكى مۇددەرس–ئالىملار ، ياش تالىپلار، ھۇنەرۋەن-كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم–يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ–ھەسرەتكە چۆكتى. خەلقنىڭ يىغا–زارى ئاسمان–پەلەككە كۆتۈرۈلدى. ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. پۈتۈن ئەل-يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز (قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى!…….
خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى:
تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ،
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟
تۈمەن دەريا سۇلىرى
بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟
ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .
داموللامغا دەيۈزلەر
قەست قىلالماس دەپتىمىز .
داموللام شېھىت بولدى،
ياتار جايى بېھىش بولدى.
داموللامغا قەشقەرلىك
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى…..
بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى.
نەشرگەتەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق
مەنبە: بولاق ژورنىلى 2007-يىللىق 4- سان
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved