بۈگۈنكى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى خەۋەرلىرى(2014-2-27)

تېڭشۈن تەنتەربىيىسى(لەگلەك تورى تەرجىمىسى)  بېيجىڭ ۋاقتى2-ئاينىڭ27-كۈنى 03:45 ئۆتكەندە 2013/14 - پەسىللىك ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ8كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى.
خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى مىھمان مەيداندا6-1نەتىجە بىلەن ساھىبخان كوماندا شالكې04كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.ب ب س گۇرۇپپىسى(بېنزېما+بالې+كىرىستىيانو.رونالدو لارنى كۆرسىتىدۇ)ئايرېم-ئايرېم2دىن توپ كىرگۈزدى.كىرىستىيانو.رونالدو چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ مەرگەنلەر قاتارېدا ئىبراخىموۋىك تىن ئېشىپ1-ئورۇنغا ئۆتتى.بۇ مەيدان غەلبىدىن كىيىن خان جەمەتى مادرېد14يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىھمان مەيداندا گېرمانىيەنىڭ كۇلۇبىنى يېڭەلمەسلىكتەك ئالۋاستى جادۇسىنى بىتچىت قىلدى. خۇنتېللار90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا(+91مىنۇتتا) شالكې04 كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى.

بۈگۈن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە چېلسې كوماندىسى مىھمان مەيداندا1-1گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ9مىنۇت بولغاندا چېلسې كوماندىسىدىن توررېس بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كىيىنكى يېرىم مەيداندا گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ كامېرونلۇق ئۇتتۇرا بېكى چېدجوۋ بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى1-1قىلىپ تەڭلەشتۈردى.كىين ئىككىلا كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى ئاخىرېدا نەتىجە1-1بولۇپ ئاياقلاشتى.
مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىللىرى: دېروگبا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ كونا خوجايىنىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتناشتى.2004/2012-يىلىغىچە دېروگبا چېلسې(سىتانفورد كۆۋرۈكى پۇتبول مەيدانى) كۇلۇبىدا8يىل توپ تەپكەن. ئۇ بۇجەرياندا چېلسې كوماندىسىنىڭ3قېتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى›1قېتىم ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى›3قېتىم ئىنگىلاند پۇتبول ئومۇمى لوڭقىسىنى ۋە2قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىشىغا زور كۈچ قوشقان.ئابراموۋېچ2003-يىلى چېلسې كوماندىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيانقى كوماندىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە ئۇتۇق قازانغان ۋاقىتىلىرى ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا دېروگبا ئاشۇ دەۋېردىكى چېلسې كوماندىسىدا ئەو ئۇتۇق قازانغان مەرگەن ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈن ۋەھشى ئالۋاستى(دېروگبا نىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى نامى)رەقىب سالاھىيتى بىلەن ئۆزىنىڭ كونا خوجايىنىغا قارشى جەڭگە چۈشتى. بىراق ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلمىدى.



خەتكۈچلەر:
28-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek