شۇ يەر ۋاقتى 29-يانۋار، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئامانەت بانكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيەنىڭ يىللىق يەرلىك رەھبەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن، يىغىنغا تەخمىنەن 280 نەپەر يەرلىك رەھبەر قاتناشقان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان.
ئىقتىساد جەھەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نۆۋەتتە رۇسىيە بەزى قىيىن ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇلار تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىز ئويلاپ قويغان.
پۇتىن مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىلاننى تۈزۈپ تەستىقلىدى. بۇ نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىپ، بانكىنىڭ كاپىتالىنى تولۇقلاپ، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ئۇنىۋېرسال ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىم ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىنى قوللايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، پۇتىن يىغىندا يەنە 2-دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: پۇتىن بىزنىڭ بىر قىسىم رىقابەتچىلىرىمىز مەلۇم سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، بىر قىسىم بىمەنە، ھەتتا تېتىقسىز بايانلارنى ئېلان قىلدى. بىز بۇ نومۇسسىز بايانلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، تارىخنى بۇرمىلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved