ئەنگىلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيىنىڭ كانتابرىيا (Cantabria) دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋېلىسپىت مىنىش مۇسابىقىسىدە، ئىسمائىل ئېستېبان (Ismael Esteban) ئىسىملىك ماھىرنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ بالونى ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتەي دەپ قالغاندا ئېتىلىپ كەتكەن بولۇپ، لېكىن بۇ ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن مۇسابىقىدىن ۋاز كەچمەي ئەكسىچە ۋېلىسپىتىنى كۆتۈرگەن پېتى ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ يۈگۈرگەن. ئۇنىڭ كەينىدە كېلىۋاتقان ماھىر ئىسمائىلغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋېلىسپىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەي ئاستا ماڭغان.
كېيىن بۇ كۆرۈنۈش توردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە چېكىلىش قېتىم سانى نەچچە مىڭ قېتىمغا يەتكەن. كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ئىسمائىل مۇسابىقىدە 3-لىكنى ئىگەللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇسابىقە ئاخىرقى نۇقتىسىغا 300 مېتىر قالغاندا ۋېلىسپىتىنىڭ بالونى ئېتىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىسمائىل ۋېلىسپىتىنى كۆتۈرۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرقى پەللىگە قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىغان. نەچچە سىكۇنتتىن كېيىن، 37 ياشلىق ماھىر ناۋال ئۇنىڭ كەينىدىن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەسلىدە ناۋال قىلچە كۈچىمەيلا ئىسمائىلنى تاشلاپ 3-لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشەلەيتتى، لېكىن ناۋال ئىسمائىلنىڭ بۇ خىل تەنھەركەت روھىدىن تەسىرلىنىپ، ۋېلىسپىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ئىسمائىلنىڭ كەينىدە ئاستا ماڭغان ھالدا مۇسابىقىنى تاماملىغان.
يۇقارقى ئىككى ماھىر مۇسابىقە ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ كەلگەندە، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك چېلىپ بۇ ئىككىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. ناۋالنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناپ قىلمىشى تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ناۋال مۇسابىقە ئاخىرقى نۇقتىسىغا ئازلا قالغاندا ئىسمائىلنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەدەپسىز قىلمىش دەپ قارىغان. ئوخشاشلا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىسمائىل ئۆزى ئېرىشكەن مىس مېدالنى ناۋالغا بەرمەكچى بولغان، لېكىن ناۋال مىس مېدالنى ئېلىشنى رەت قىلغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved