2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋەر، ئەنگىلىيە لوندون، يېقىندا، بىر ئايال مەھبۇس تۈرمىدە ئۆلۈپ قالغان بولۇپ، ئۇ بىر ئاي بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئىشتىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ئايالنى قولغا ئالغان چاغدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدا قالغان خاتىرىلەرنى تەكشۈرگەن. بۇ خاتىرىلەردە ئەينى چاغدا بۇ ئايالنى قولغا ئالغان ساقچىنىڭ ئۇنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇرۇن، ساقچى بۇ ئايالنى قولغا ئالغان، لېكىن كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ خاتىرىسىدە ساقچىنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بۇ ئايالنى تۇيۇقسىز تارتىپ تۇرغۇزۇپ چېچىنى تارتقانلىقى ۋە يەرگە ياتقۇزۇپ باش قىمىسىغا قاتتىق ئۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
بۇ ئىشتىن كېيىن ھېلىقى ئايال مەزكۇر ساقچىنى ئەرز قىلغان، لېكىن ساقچى بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى چىشلىگەنلىكىنى ھەمدە مەندە «ئەيدىز كېسىلى بار» دېگەنلىكىنى ئېيتقان.
رەسىمدە، ئەينى چاغدىكى ساقچىنىڭ ئايال جىنايەتچىنىڭ بېشىنى يەرگە بېسىپ تۇرۇپ ئۇرغان كۆرۈنۈشى.
بۇ ئايال تاياق دەستىدىن مىدىرلىيالماي قالغان.
تۈرمىدە ئۆلۈپ قالغان ئايال مەھبۇس.
ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved