شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 11-نويابىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-نويابىر جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى مەسىلىلىرى توغرىسىدا سەمىمىي ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
كەچتە شى جىنپىڭ يەنتەي شىپاڭىنىڭ ئالدىدا ئوبامانى كۈتۈۋالدى ، ئىككىيلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىم سىزنىڭ زىيارەت كۈن تەرتىپىڭىز بەكلا جىددى بولۇپ قالدى .
بىز دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ رەسمىي پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدۇق ، يەنە بىر قىسىم ئازادە سورۇنلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇردۇق . مەن سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : بۇلتۇر 6-ئايدا بىز ئەننېنبېرگ قورۇقىدا قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدۇق ، يەنە سانتپېتىربۇرگ ۋە خاگۋېدا ئىككى قېتىم ئۇچراشقانىدۇق ھەمدە تېلېفونلىشىش ، خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدۇق . مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ يەتمەكتىمەن .
ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتىكى ئىدىيەنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى ، يەنە تېخىمۇ يۈكسەك ئارزۇلار تۇغۇلدى . سىزنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتىڭىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت . بىز دائىملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ ، ئىش چىققاندىلا گەپ سوقۇپ ئولتۇرماي ، بەلكى بىر قىسىم تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە سەمىمىي ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك .
مۇشۇنداق قىلغاندىلا ، چۈشىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى ، ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئىختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ . ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى ، بولۇپمۇ ئېچىش خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved