ھاياتنى كۆڭۈللۈك قىلغۇچى «بەش سۆزلۈك دەستۇر»

     ھەر ئىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماي مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ.. تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ۋە خاتالىقلارغا نىسبەتەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماي مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ. چۈنكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئىقتىدارلىق ئادەملەرلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، ئۇنداق ئادەملەر چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، دوست بولۇشقا ئەرزىيدىغان، ھەر زامان خۇشال يۈرىدىغان ئادەملەردۇر. مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەردە ئۆزىگە نىسبەتەن قىلچە تەلەپ بولمايدۇ، ئۇنداق ئادەملەرنىڭ بىر مەھەللىلىك ئۆز بېشىمچىلىقى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

    باشقىلارنى ئاز ئەيىبلەپ، كەڭ قورساق بولۇڭ. كەڭ قورساقلىقنىڭ ئېسىل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلسىڭىز، جاھانمۇ شۇنىڭغا بېقىپ سىزگە كەڭچىلىك قىلىدۇ، ئاداۋەت ساقلاش سىزنىمۇ خۇددى دوزاخ ئوتىدەك ئازابلايدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنى ئەيىبلىگەن چاغدا، ئۆزىڭىزگىمۇ مەندىمۇ سەۋەنلىك ئۆتمىگەنمىدۇ؟ دەپ سوئال قويالامسىز؟ باشقىلارنى ئەيىبلەش ئاسان، ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئالتۇن بىلەن ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.

     باشقىلارغا سوغۇق پوزىتسىيەدە بولماي قىزغىن بولۇڭ. ھەممە ئادەم بىر بىرىگە قىزغىن بولۇپ، كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۆتسە، تۇرمۇش نەقەدەر گۈزەللىككە تولغان بولار ئىدى.  قىزغىنلىق بىر بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەندەك، سوغۇقلۇقمۇ ئۆزئارا تەسىر قىلىدۇ، ئەگەر ئاراڭلاردا ئاشۇنداق مۇز تەلەت ئادەم بولۇپ قالسا، ھەممەيلەن بىرخىل ئوڭايسىزلىقتا ئۆتەر. سوغۇق تەلەت شەخسىيەتچى ئادەمنى ھېچكىمنىڭمۇ ئارىسىغا ئالغۇسى كەلمەيدۇ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا» دېگەن ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

ئۆزىڭىزنى بىلىپ، گۇمانخورلۇقتىن يىراق بولۇڭ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم ئەخلاقلىق بولىدۇ، ئەخلاقلىق ئادەم چىقىشقاق كېلىدۇ، ئەخلاقسىز گۇمانخور ئادەمنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئۆزىمۇ ھەرخىل ھەسەتخورلۇقتىن پۇچۇلىنىپش رەشىك ئوتىدا ئازابلىنىپ ياشايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، گۇمانخورلۇقتىن قۇتۇلۇپ ئۆزىڭىزنى تەربىيىلەپ، دوستلىرىڭىز ئارىسىدا خۇشال خۇرام ياشاڭ.

      شان شەرەپ كۆپەيسۇن، شۆھرەتپەرەسلىك ئازايسۇن. ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ بېكون: «شۆھرەتپەرەسلەرنى ئەقىللىق ئادەملەر كۆزگە ئىلمايدۇ، ھاماقەتلەر قوللايدۇ، خۇشامەتچىلەر بولسا چوڭ كۆرىدۇ، ئۆزى بولسا ئاشۇ شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايدۇ» دېگەنىكەن. قەلبىدە شان-شەرەپ تۇيغۇسى بار ئادەم ھامان ئالغا ئىنتىلىش روھىدا بولىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش كويىدا بولغانلار بولسا ھەرخىل پۇرسەتپەرەسلىك ۋاستىلىرى بىلەن شان-شەرەپكە ئېرىشمەكچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئاشۇ ساختا شەرىپى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئۆز ئەپتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى باشقىلارغا دېيەلمەيدىغان دەرتلىك ئازابلا بولىدۇ.

      تۇرمۇشىڭىزدىكى ئۆكۈنۈشنى ئازايتىپ، جەسۇرانە ئىلگىرىلەڭ. ھايات يولى گويا كېمىنى سۇنىڭ ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندەك ئىش. ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىسەڭ كەينىگە چېكىنىپ كېتىسەن، ھازىرقى زامان ئىلىم پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زامان، بۇرۇنقى ئۆگەنگەن بىلىمنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىمەن دېيىش رېئاللىققا ماسلاشمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى. داۋاملىق ئۆگىنىپ جەسۇرانە ئىلگىرىلىگەندىل،ا ئادەم پۇشايماندا قالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتقا قاراپ قۇرۇق ئۆكۈنۈش خۇددى بىھۇدە ئۆتكۈزسە ۋاقىتنى كىشى، قالىدۇ ھامان پۇشايمان بىلەن دېگەندەك ئىش.

        ھەممىنى زىغىرلاپ كەتمەي، مەرترەك بولۇڭ. كونىلار بەزىنى بىلمەسكە سال دەپتىكەن. بۇ راستلا بىپەرۋا بول دېگەنلىكمۇ؟ ياق. بۇ ھەممە ئىشنى زىغىرلاپ كەتمەي، مەردرەك بول دېگەنلىك. مەرت ئادەم ھەممە ئىشنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە زىغىرىلاپ كەتمەيدۇ، دوست-يارەنلىرى بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدۇ، بۇنداق ئادەم ھەر جەھەتتىن ساغلام كېلىدۇ. ئەكسىچە بولغانلار باشقىلارنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدۇ، نەتىجىدە ئۆزىگە ئۆزى ئىش تېپىۋالىدۇ. شۇڭا مۇنداق زىغىرلاشنى ئاز قىلىپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ياشىغان ياخشى، شۇ چاغدىلا سىز بۇ جاھاندا مۇنداق تۇتامى يوق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.

   باشقىلارنى ماختاپ، ھەسەتخورلۇق قىلماڭ. باشقىلارنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ماختاڭ. چۈنكى سىز باشقىلارنى ماختاش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنىمۇ ماختىغان بولىسىز. ھەربىر ئادەم ئۆز ئىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشنى خالايدۇ، باشقىلارغا ئۇتۇق قازانغاندا ئۇنى ماختاش كېرەك، ھەرگىز ئىچى تارلىق قىلماسلىق كېرەك، ئەنە شۇ چاغدىلا خەقنىڭ ئۇتۇقى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.

«ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-04-2016
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى ئاسانلا ‹‹تېلېۋىزور كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېلېۋىزور بالىلارنىڭ كۆزى، قولى ۋە مېڭىسىنىڭ ماسلاشما ھەرىكىتىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. ئېكراندىكى تېز سۈرئەتلىك كۆرۈ...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
Powered by Leglek