ئىراق ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى

‏ ئىراقنىڭ 2-چوڭ شەھىرى موسۇل، سابىق زۇڭتۇڭ سادامنىڭ يۇرتى تىكرىتتىن كېيىن، 16-، 17-ئىيۇن يەنە ئىككى مۇھىم بازار بازا تەشكىلاتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى. ئۇلار ئۇرۇش سېپىنى باغداد شەھىرىگە 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە ئۇزارتتى، چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش-ئىراقنى ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا پاتۇرۇپ قويدى.


گەرچە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەم تېزدىن ياردەمگە كەلگەن ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمى ئۆزلۈكسىز شىمالغا ياردەمنى كۆپەيتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىق خادىملىرىنىڭ تەرەپ-تەرەپكە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى.


نۇرغۇن مۇھىم شەھەر-بازارلارنى ئىشغال قىلغاندىن سىرت، ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرى يەنە ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بولغان بائىجى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى بېسىۋالدى، بۇ زاۋۇت ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خام نېفىت ئايرىشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 17-ئىيۇن تاقىلىپ قالدى، چەتئەللىك خىزمەتچىلەر چېكىندى. خەلقئارا نېفىت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقىنىڭ ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى.


نېفىتنى بۇلاشتىن باشقا، ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرى يەنە قورال-ياراغ ئامبارلىرىغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قوزغىدى. ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 13-ئىيۇن توپىلاڭچى قوشۇننىڭ باغدادنىڭ ئەتراپىدىكى دىيارا ئۆلكىسىدىكى ئىككى قورال-ياراغ ئامبىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، 400 مىڭ قورالنى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. سىرتنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، سۈننىي مەزھىپىدىكى بۇ ئەسەبىي كۈچلەر ئىراقتىكى دىنىي مەزھەپ توقۇنۇشىغا تېخىمۇ ئوت ياقماقتا.


تېزدىن يامانلىشىپ كەتكەن ئىراق ۋەزىيىتى قاراپ بېقىش ئىپادىسىدە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆز مۇھاجىرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 17-ئىيۇن ئۈچ ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ باغدادنىڭ شىمالىدىكى باللاد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دىپلوماتلىرى ۋە ھۆددىگەرلىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئامېرىكا يەنە ئىراقتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تېزدىن چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پارس قولتۇقىغا قوش ماكانلىق ھۇجۇمچى پاراخوت توپىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. بۇ پاراخوتلارغا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ 550 ئەسكىرى ۋە تىك ئۇچار قاچىلانغان بولۇپ، جىددىي ئەھۋالدا ئىراققا بېرىپ، ئىراقتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تېزدىن ئېلىپ كېتەلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسى ئىكەن.


ئامېرىكىدىن كېيىن، ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە، سودا مىنىستىرلىقىمۇ 17-ئىيۇن جىددىي مۇراجىئەت چىقىرىپ، ئىراقتىكى ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىراقتىن دەرھال، جىددىي چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى يەنە باغدادتا ئۇرۇش پارتلىغان ھامان، ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى ئۇرۇش ئوتىغا چۈشۈپ قالسا، ئاۋسترالىيە ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىمنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىدۇ دېدى.


شۇ كۈنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ باغدادتىكى بارلىق پۇقرالىرىنى دەرھال ئايرىلىشقا بۇيرۇدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇنداق بۇيرۇقنى چىقاردى. بۇندىن بۇرۇن، بىر باش كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ 80 پۇقراسى ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىدى.

‏‏بېنگال ھۆكۈمىتى 17-ئىيۇن ئاز دېگەندە 50 بېنگاللىق ئىشچىنىڭ موسۇلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇلغانلىقى، پات ئارىدا ئىراقتىن دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بېنگالنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىسى ئىراقتا 14 مىڭ بېنگال پۇقراسى بار، بۇنىڭ تۆت مىڭى باغدادتىكى كورىيە شىركەتلىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، گەرچە كورىيە شىركەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز دېگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىشچى يەنىلا ئىستىپا بېرىشتە چىڭ تۇردى، شۇڭا بىز ئۇلارنى ئامال قىلىپ دۆلىتىمىز قايتۇرىمىز دېدى.
گەرچە بىر قىسىم دۆلەتلەر تېخىچە مۇھاجىرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى باشلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەپسىلىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ بولدى. نۆۋەتتە، فىرانسىيە تېخىچە ئۆزىنىڭ ئىراقتىكى بارلىق پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشمىدى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بىز ھازىر يەنىلا ئىراقتىكى فىرانسىيە پۇقرالىرىدىن ھوشيارلىقنى ساقلاشنى تەلەپ قىلدۇق، ھۆكۈمەت ھەر قاچان تېررورلۇق تەھدىت ئەھۋالى، ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتنى ئۇقتۇرۇپ، بارلىق پۇقرالارنى بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ دېدى.


ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ۋاقتىنچە بارلىق مۇھاجىرلىرىنى چېكىندۈرۈش پىلانى يوق، لېكىن ئەنگلىيە خانلىق ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، خەلق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياخشى تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇدى دېدى.


دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭگونىڭ ئىراقتىكى پۇقرالىرىمۇ كۆپ. خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خۇسۇسىي كارخانىلارنى قوشقاندا، ئىراقتىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سانى ئون مىڭغا يېتىدىكەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 17-ئىيۇندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو ئىراقنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، جۇڭگو ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىراقتىكى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ دېدى.



خەتكۈچلەر:
20-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek