ئامېرىكىدا ھەمراھ بولۇش كەسپى گۈللىنىشكە باشلىدى

    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، سامانشا خېس (Samantha Hess)نىڭ كەسپى بىر ئاز ئالاھىدە، ئۇنى باشقىلار ئالاھىتەن تەكلىپ قىلىپ «قۇچاقلىشىش» مۇلازىمىتى قىلدۇرىدۇ. ئۇ ھەر سائىتىگە 60 دوللاردىن 80 دوللارغىچە ھەق ئالىدۇ، قۇچاقلىشىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا سامانشا خېس خېرىدارى بىلەن ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولىدۇ، باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا سامانشا خېس يەنە باشقا شەكىلدىكى ھەمراھ بولۇش مۇلازىمىتىنىمۇ تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇ خېرىدارلارغا ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىشىپ بېرىش، ھەمراھ بولۇپ ئايلىنىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويغان، ئەلۋەتتە، بۇ مۇلازىمەتنىڭ ھەممىسىدىن ھەق ئېلىنىدۇ.

    ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژورنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەمراھ بولۇش مۇلازىمىتى ھازىر تېز سۈرئەتتە گۈللىنىۋاتقان كەسىپ بولۇپ، سامانشا خېس ئىشلەيدىغان ئامېرىكا «دوستتىن بىرنى ئىجارە ئېلىڭ» تور بېكىتىنى مىسال ئالىدىغان بولساق، بۇ شىركەت ئامېرىكىدىلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەسىپ كېڭەيتىۋاتىدۇ، خادىم سانىمۇ بارغانسىرى زورىيىۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر «دوستتىن بىرنى ئىجارە ئېلىڭ» تور بېكىتىدە ھەمراھ بولۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان خادىمدىن 520 مىڭ خادىم بار بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر سائىتىگە 23 دوللار ھەق ئالىدۇ.

      ئۆتكەن يېرىم يىلدا، ھەمراھ بولۇش مۇلازىمىتى ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىدى، بەزى شىركەتلەر بۇ مۇلازىمەتكە تايىنىپ خېلى كۆپ بايلىق توپلىۋالدى. مەسىلەن يېڭى جېرسى شىتاتىدا قۇرۇلغان «يېپىشقاق ھەمراھ» دا تىزىمغا ئالدۇرغان 125 خادىم خېرىدارلارغا قۇچاقلىشىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىۋان كارىپ (Ivan Karp) مۇنداق دېدى، «يېپىشقاق ھەمراھ» نىڭ ھەر ئايلىق كىرىمى 16 مىڭ دوللارغا بارىدۇ. «دوستتىن بىرنى ئىجارە ئېلىڭ» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىكوت روسېنبائۇم (Scott Rosenbaum) مۇنداق دېدى، تور بېكىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق كەسىپ كىرىمى «يەتتە خانىلىق سان» غا يىتىدۇ.

قۇچاقلىشىش مۇلازىمىتى ئاڭلىماققا بىر ئاز قىزىقارلىق تۇيىلىدۇ، ھەتتا بەزىلەر خاتا چۈشىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىراق ئامېرىكىدا، بۇنداق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، تەخمىنەن %40 ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەن كىشى ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىدىكەن. بىراق 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا پەقەت %20 ئادەم ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلاتتى. يەنە بەزى خېرىدارلار پىسخىكا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار قۇچاقلىشىش ئارقىلىق پىسخىكا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە موجتاج.

     ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەر خىل ھورداقخانىلاردا قىپيالىڭاچ ياتقان كىشىلەر بەدەنلىرىنى ئۇۋلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى ئۇۋلايدىغان خادىم بىلەن پەقەتلا تونۇشمايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىككى تەرەپ خالىغان ئاساستا قۇچاقلىشىپ قويسا، بۇنىڭغا ھەيران قالمىسىمۇ بولىدىغۇ، دەيمەن.

     خەۋەردە دېيىلىشىچە، «دوستتىن بىرنى ئىجارە ئېلىڭ» تور بېكىتىنىڭ كۆپ قىسىم خېرىدارلىرى سودا ساياھەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ناتونۇش شەھەردە ئۆزى يالغۇز غىزالىنىشتىن زېرىككەن كىشىلەردۇر. ئۇلار كەچلىك غىزالىنىشتا ياكى قاۋاقخانىلاردا پىۋە ئىچكەندە يېنىدا بىر ھەمراھىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە تېخى ئەمدىلا باشقا شەھەرگە كۆچۈپ بارغان، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن تونۇشمايدىغان كىشىلەرمۇ، «دوستتىن بىرنى ئىجارە ئېلىڭ» تور بېكىتىنىڭ خېرىدارى بولۇپ قالىدۇ.

    قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەر ئالاقە تورى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بولۇپ قالدى، بىراق ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى بەدەن ئۇچرىشىشى بىر قەدەر ئاز. دېمەك، كىشىلەر بەدەن ئۇچرىشىشىغا ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناتونۇش بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىش ئادەمگە باشقىچە بىر ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

     مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، «دوستتىن بىرنى ئىجارە ئېلىڭ» تور بېكىتى خادىملاردىن كەسىپ بېجىرىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن خاتىرە يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. توردىن خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئادەتتە قىز-ئايال خادىملارنى تەكلىپ قىلىدىغان ئەرلەر كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭلاشقا يەنىلا ئېھتىيات قىلغان تۈزۈك.



خەتكۈچلەر:
03-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek